باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
جۇڭگونىڭ ھايتىغا بارىدىغان7–تۈركۈمدىكى تىنچلىق ساقلاش ساقچىلىرى ئەترىتىدىكىلەر بېيجىڭدىن ۋەزىپە ئۆتەش رايونىغا قاراپ ماڭدى
2008- 08- 06 10:39 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. جۇڭگونىڭ 7 – تۈركۈمدىكى تىنچىلىق ساقلاش – زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ساقچىلىرى ئەترىتىنىڭ زەربىدارلار ئەترىتىدىكىلەر 4 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن ب د ت نىڭ ھايتىدىكى تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسى ئۆتەش رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ قېتىم يولغا چىققان زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى 30 بولۇپ، ئاساسلىقى ئەترەت باشلىقى، ئالاقە ئوفىتسېرى، نۆۋەتچىلىك ئوفىتسېرى، ئارقا سەپ تەمىنات ئوفىتسېرى ۋە جەڭگىۋار ساقچىلار، ئارقا سەپ تەمىناتى ساقچىلىرىدىن تەركىب تاپقان. زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئەترىتىنىڭ 95 كىشىدىن تەشكىللەنگەن چوڭ ئەترىتى 8 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يولغا چىقىدۇ.

   7 – تۈركۈمدىكى تىنچلىق ساقلاش – زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئەترىتىدىكىلەر شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن، ئەزالارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياش بولۇپ، ئارىسىدا بەش ئايال بار، ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگىلەر 112 كىشى. ئىگىلىنىشىچە، ئەزالار ئىنگلىزچە، قارىغا ئېتىش، شوپۇرلۇق، جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن ئىنچىكە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولۇپ، 6 – تۈركۈمدىكى تىنچلىق ساقلاش – زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئەترىتىنىڭ ئورنىغا ھايتىغا بېرىپ، ئۇ يەردە سەككىز ئايلىق تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ