|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 3 – ئاۋغۇست 529 – نومۇرلۇق پەرماننى ئىمزالىدى، بۇنىڭ بىلەن ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار توپى مەلۇم قىلىش ئۆلچىمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى›› ئېلان قىلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن 4 – ئاۋغۇست بۇ بەلگىلىمىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ‹‹بەلگىلىمە›› بەش ماددا بولۇپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مونوپول قىلىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى››غا ئاساسەن تۈزۈلدى، مەقسەت ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار توپىنىڭ ئوپچە مەلۇم قىلىش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
‹‹بەلگىلىمە›› 2008 – يىل 8 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
|