باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا تېز خەۋەرلەر
2008- 08- 06 10:15 شىنجاڭ گېزىتى

   . ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش 4 – ئاۋغۇست كورىيە، تايلاند ۋە جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

  .  ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 5 – ئاۋغۇست ئېيتىشىچە، ئافغانىستان ساقچىلىرى تالىبان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن 4 – ئاۋغۇست جەنۇبتىكى قەندىھار ئۆلكىسى ۋە ئۇرۇزگان ئۆلكىسىدە بىر نەچچە قېتىم ئېتىشىپ، تالىباننىڭ 16 قوراللىق ئەزاسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

   .  پاكىستان ‹‹كۈندۈلۈك خەۋەرلەر›› گېزىتىنىڭ 5 – ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قارا يامغۇر ياغقاچقا، ئاز دېگەندىمۇ 35 كىشى قازا قىلغان، 200 مىڭدەك كىشى ئۆي – ماكانىدىن ئايرىلغان.

   .  ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، ئىرادىمىزدىن قۇرغان ھاسىل قىلايلى – 2008 – يىللىق جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى ئاخبارات سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسى›› 4 – ئاۋغۇست ۋاشنىگتوندا ئۆتكۈزۈلدى.

   . ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى گارلاگوس 4 – ئاۋغۇست: ئامېرىكا، روسىيە، جۇڭگو، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسىگە ئىران ھازىرغىچە ئېنىق ۋە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغانلىقتىن، ئالتە دۆلەت ئىرانغا يېڭى جازالاش تەدبىرى قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قوشۇلدى، دېدى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ