باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسى كەلگۈسى 10 كۈندىكى ھاۋارايى مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى
2008- 08- 05 12:11 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسى 4 – ئاۋغۇست سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كەلگۈسى 10 كۈندىكى ھاۋارايى مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. يەنى كەلگۈسى 10 كۈندە، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگو شۇنداقلا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردا ئۆتكۈنچى يېغىن كۆپ بولىدىكەن؛ غەربىي جەنۇب ۋە جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدا ھۆل – يېغىن بىر قەدەر كۆپ بولىدىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 7–كۈنىدىن9–كۈنىگىچە، غەربىي شىمالىي رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق جايلاردا غەربتىن شەرققە سۈرۈلگەن يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، يامغۇر مىقدارى تەكشى بولمايدىكەن، قىسمەن رايونلاردا ھۆل–يېغىن مىقدارى نىسبەتەن كۆپ بولىدىكەن ھەمدە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە بوران چىقىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن؛   يامغۇر گەنسۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، نىڭشيا، شەنشىنىڭ شىمالىي قىسمى شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنى نىسبەتەن پەسەيتىدىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 5–كۈنىدىن 10– كۈنىگىچە، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىدىكى دېڭىز ساھىلى شۇنداقلا جەنۇبىي جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا بوران ئارىلاش يامغۇر ياغىدىكەن؛ شىمالىي جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى، خۇاڭخې– خۇەيخې، چاڭجياڭ – خۇەيخې، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسمى رايونىدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق يۇقىرى بولۇپ، ھۆل–يېغىن ئاز بولىدىكەن، ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھاۋا نىسبەتەن دىمىق بولىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ