|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەيدان، مەھەللە ۋە ئېنېرگىيە كارخانىلىرىغا بېرىپ، ئو ت م گە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كاپالەتلەندۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئو ت م كاتتا يىغىلىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەت، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ئاممىنى رازى قىلىشىمىز كېرەك.
بۈگۈن ئو ت م نىڭ ئېچىلىشىغا يەنە بەش كۈن قالدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋېن جياباۋ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ چى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەندوڭ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى گو جىنلوڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ‹‹ۋۇكېسوڭ›› غا جايلاشقان ئو ت م ۋاسكېتبول سارىيىغا كېلىپ، پىدائىيلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى يوقلىدى. ئۇ پىدائىيلارغا : ھازىر ئو ت م گە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئاخىرقى بۆسۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، سىلەر ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئىشلەپ، ياخشى مۇلازىمىتىڭلار ئارقىلىق ئو ت م نىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭلار كېرەك، دەپ تاپىلىدى. ۋاسكېتبول سارىيىدا جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەر مەشىق قىلىۋاتاتتى، ۋېن جياباۋ ترېنېر، تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن بىرمۇ بىر كۆرۈشتى ھەم ياۋ مىڭدىن: ‹‹سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟›› ‹‹ پۇتىڭىز ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟›› دەپ سورىدى، ئاندىن ئۇ خۇشاللىق بىلەن: مەنمۇ گارغا توپ ئېتىپ باقاي، دېگىنىچە ۋاسكېتبولنى ئېلىپ ئۇنى يەرگە ئۇرۇپ يۈگۈرگىنىچە گارغا بەش توپ ئاتتى. ۋاسكېتبول گارغا كىرگەندە پۈتۈن مەيداندىكىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.
ئو ت م نىڭ گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: كىچىكىمدە ۋاسكېتبولغا قىزىقاتتىم، شۇڭا ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنى بەك ياقتۇرۇپ كۆرىمەن. تۇنجى مەيدان مۇسابىقەڭلەرگە پۈتكۈل دۇنيا كۆز تىكىدۇ، ئىشەنچىڭلار بولۇشى كېرەك، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋېلىپ توپنى ياخشى ئويناڭلار، ئۇتۇش – ئۇتتۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن روھ بولۇشى كېرەك. ئۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەرگە ‹‹ئېسىل مۇسابىقە ئارقىلىق ۋەتەن ئۈچۈن شان – شەرەپ، ئىززەت – ئابرۇي ۋە دوستلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىڭلار››، دېگەن بىر جۈملە سۆزنى ھەدىيە قىلدى.
فېڭتەي رايونىنىڭ ‹‹داجىن›› مەھەللىسى فېڭتەي تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ يېنىغا جايلاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كونا بىنالارنى ئۆزگەرتىش، چىملىق ياتقۇزۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاھالىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا، ۋېن جياباۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ مەھەللىگە كېلىپ بىنالارنىڭ يېڭى، يوللارنىڭ كەڭرى، مۇھىتىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى، ئاھالىنىڭ چېنىقىش سورۇنلىرى بارلىقىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ بۇ يەردە چېنىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى ھەم ئامما بىلەن تىكتاك توپ ئوينىدى. ۋېن جياباۋ ئۆزىنى چۆرىدىۋالغان ئاممىغا مۇنداق دېدى: بېيجىڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مەيدان قۇرۇلۇشى، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشى بىرتەرەپتىن، ئو ت م نىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە شارائىت يارىتىشنى، يەنە بىرتەرەپتىن، بېيجىڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا شارائىت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى، ئاھالىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئو ت م ئاياغلىشىدۇ، ئەمما كۆپچىلىك بۇ يەردە ئۇزاققىچە ياشايدۇ، ئاھالىنى ئو ت م دىن ئەڭ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. ئۇ شى لىننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى، ۋېن جياباۋ ئۇلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئو ت م نىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى قىسقا، ئەمما قالدۇرىدىغان روھى مەڭگۈلۈكتۇر. مەن ليۇ چى شۇجى بىلەن شۇنداق كاپالەت بېرىمەنكى، ئو ت م دىن كېيىن بېيجىڭ يەنە مۇشۇنداق پاكىزلىقىنى ساقلايدۇ، بېيجىڭ مەڭگۈ پاكىز بولىدۇ.
ۋېن جياباۋ ئاخىرىدا ئو ت م نى ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ‹‹خۇاديەن›› (بېيجىڭ) ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى چەكلىك شىركىتىگە كەلدى. بۇ تەبىئىي گاز، قالدۇق ئىسسىقلىق ئارقىلىق توك چىقىرىدىغان، ئايلانما سۇ ئارقىلىق سوۋۇتىدىغان كارخانا بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، مۇھىت ئاسراش نىشانىغا يەتكەن. ۋېن جياباۋ زاۋۇت بىنالىرىنىڭ پاكىز، مۇھىتىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز مەسئۇلىيەتچان دۆلەت، ۋەدىلەرنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك، يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشىمىز كېرەك، شۇنداقلا داۋاملىق تىرىشىپ، بېيجىڭنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ يېشىللىققا تولغان، تېخىمۇ مەدەنىي قىلىپ قۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
|