باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئەگەر بېيجىڭ بەكلا ناچار ھاۋارايى شارائىتىغا يولۇقسا، يەنە 200مىڭ ئاپتوموبىل مېڭىشتىن توختىتىلىدۇ
2008- 08- 05 11:25 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 –  ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى بۇلغىما تىزگىنلەش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فەن يۈەنشېڭ بۈگۈن مۇنداق دېدى: ھازىر ئو ت م مەزگىلىدىكى ھاۋا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشەنچىمىز كامىل. ئىنتايىن ناچار پايدىسىز ھاۋارايى شارائىتىغا دۇچ كەلسەكمۇ، مەسىلەن: تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ كېتىش، ھۆل – يېغىن كۆپ بولۇش ياكى تىنجىق ھاۋا رايى تۈپەيلىدىن دانچە ماددىلار ھاۋانى بۇلغاش ئەھۋالى كۆرۈلسىمۇ، ئالاقىدار تاماقلار تەرتىپ بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، ھاۋا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    بېيجىڭ خەلقئارا ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2008 –يىللىق ‹‹جۇڭگو مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش›› ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان فەن يۈەنشېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ بېيجىڭدا يەنە 200 مىڭ ئاپتوموبىلنى مېڭىشتىن توختىتىشقا بولىدۇ، ھاۋا سۈپىتى بىلەن ھاۋارايى شارائىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر كۆزىتىش، ئالدىن مۆلچەرلەش، باھالاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ كۈندە ھاۋانى كۆزىتىپ، ئالدىن مۆلچەرلەپ تەھلىل قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر كەلگۈسى 48 سائەتتە ھاۋا شارائىتى ياخشى بولمىسا، ئالدىن مۆلچەرلەش، كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى تەرتىپ بويىچە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ››.

   فەن يۈەنشېڭ مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي بىرلىكتە تۈزگەن ‹‹بېيجىڭ ئو ت م، مېيىپلەر ئو ت م سى مەزگىلىدە  بەكلا ناچار ھاۋا شارائىتىدا ھاۋانىڭ بولغىنىشىنى تىزگىنلەشتىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى›› يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ تەدبىر گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان ‹‹29 –  نۆۋەتلىك ئو ت م نىڭ ھاۋا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى››نىڭ يەنىمۇ  ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇنى تۈزۈشتە ئىمكانقەدەر خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا زىيادە تەسىر يەتكۈزمەسلىك تولۇق كۆزدە تۇتۇلغان، قوللىنىلغاندىمۇ ھاۋا شارائىتى بەكلا پايدىسىز شارائىتتا قىسقا مۇددەت قوللىنىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى بىرلىكتە ھەرىكەت  قوللىنىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ