باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
بېيجىڭدىكى ئەلئارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى 8–ئاۋغۇست ‹‹ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك››نى تەشەببۇس قىلدى
2008- 08- 05 11:23 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى.  بېيجىڭ ئو ت م گە يەنە بەش كۈن قالغاندا، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ‹‹تەبىئەتنىڭ دوستى››، ‹‹بېيجىڭ يەرشارى كەنتى››، ‹‹جۇڭخۇا مۇھىت ئاسراش فوندى جەمئىيىتى››، ‹‹يېشىل ئائىلە›› قاتارلىق 16 ئەلئارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى ۋە ئۇلارنىڭ قارمىقىدىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق مۇھىت ئاسراش پىدائىيسى بۈگۈن بىرلىشىپ تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، پايتەختتىكى شەھەر ئاھالىسى ۋە مۇھىت ئاسرىغۇچىلارنى 8 – ئاۋغۇست ‹‹ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك›› ۋە پۈتكۈل ئو ت م جەريانىدا  ‹‹يېشىل سەپەر ئېيى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بېيجىڭ ئو ت م ئۈچۈن ئىس – تۈتەكسىز كۈن ۋە ‹‹يېشىل ئولىمپىك›› بەرپا قىلىش ئۈچۈن  بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشقا چاقىردى.

  پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان بېيجىڭ ‹‹يەر شارى كەنتى››دىكى يۈ شىنبىن مۇئەللىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 20 –  ئىيۇلدىن باشلاپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تاق، قوش نومۇر بويىچە قاتنىشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەدبىر قوللىنىپ، ئاممىۋى قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى،  بۇ بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش، شەھەر ئاھالىسىدە ‹‹يېشىل سەپەر›› ئېڭى يېتىلدۈرۈشتە  ناھايىتى زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

   بۇ قېتىمقى ئەلئارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ تەشەببۇس قىلغان 8 – ئاۋغۇست ‹‹ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك›› ۋە ئو ت م مەزگىلىدىكى  ‹‹يېشىل سەپەر ئېيى›› پائالىيىتىدە، ئەل ئىچى مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى قارمىقىدىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىينىڭ 8 – ئاۋغۇست ۋە ئو ت م مەزگىلىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشى ياكى باشقا ‹‹يېشىل سەپەر›› ئۇسۇلىنى تاللىشى تەلەپ قىلىندى. شەھەر ئاھالىسى ‹‹يېشىل ھەرىكەت››كە پائال قاتنىشىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش قېتىم سانىنى ئازايتىشقا، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، ‹‹يېشىل ئو ت م›› ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىق قىلىندى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت ئىككى ئاي داۋاملىشىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش قېتىم سانى1 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق ئازايتىلىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ