باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى
2008- 08- 05 11:22 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1 – ئاۋغۇست گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى(تۈزىتىش لايىھىسى)›› مۇزاكىرە قىلىندى ۋە پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش نىزامى(تۈزىتىش لايىھىسى)›› ۋە ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ تىجارەتچىلەرنىڭ مەركەزلىك مەلۇم قىلىش ئۆلچىمىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىسى(لايىھە)›› قاراپ چىقىلدى ھەم پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

   يىغىندا مۇنداق قارالدى: سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇغۇرتا بازىرىنى نازارەت قىلىش –  باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ھەم خەتەرنى تۈگىتىپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى جەريانىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سۇغۇرتا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر. سۇغۇرتا قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھىسىدە سۇغۇرتا پائالىيىتىدىكى بىۋاسىتە ئالاقىدار كىشىنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ تۈزۈم  – بەلگىلىمىلىرى يەنىمۇ تولۇقلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، سۇغۇرتا بازىرىنى نازارەت قىلىش –  باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسى كۈچەيتىلىپ، ماس ھالدا قانۇنىي مەسئۇلىيەت بەلگىلەندى. يىغىندا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى(تۈزىتىش لايىھىسى)غا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشى قارار قىلىندى.

   يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: خەلقئارا كىرىم – چىقىم ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، تاشقى پېرېۋوت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھىدە سودا مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتىگە پايدىلىق بولۇش، خەلقئارا كىرىم – چىقىم تەڭپۇڭلۇقى ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشان قىلىنىپ، پېرېۋوت مەبلىغىنىڭ ئوبوروت قىلىنىشىنى تەڭپۇڭ ھالەتتە باشقۇرۇش، خەلق پۇلى نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پېرېۋوت كەسپىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلقئارا كىرىم – چىقىمغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، چېگرا ھالقىغان مەبلەغ ئوبوروتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، تاشقى پېرېۋوتنى نازارەت قىلىش –  باشقۇرۇش ۋاسىتىسى ۋە تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى ھەم ئالاقىدار قانۇنىي مەسئۇلىيەت ماس ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.  يىغىندا مۇنداق قارالدى: تىجارەتچىلەرنىڭ قوشۇۋېلىش ياكى پاي ھوقۇقىغا، كاپىتالغا ئىگە بولۇشتەك شەكىللەر ئارقىلىق باشقا تىجارەتچىلەرنى تىزگىنلەش قاتارلىق تىجارەتچىلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش ھەرىكىتى نورمال بازار رىقابىتى تەرتىپىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تىجارەتچىلەرنىڭ مەركەزلىشىشىنى تىزگىنلەش  قارشى مونوپول قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مۇھىم تۈزۈملەرنىڭ بىرى. تىجارەتچىلەرنىڭ مەركەزلىشىشىنىڭ بازار رىقابىتىدىن سىقىپ چىقىرىۋېتىش، چەكلەش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلقئارا تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ مەركەزلىشىشنى مەلۇم قىلىش ئۆلچىمىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈش زۆرۈر. لايىھىدە مەركەزلىشىشكە قاتنىشىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى بىر يىلدىكى دۇنياۋى سودا سوممىسى ۋە چېگرا ئىچىدىكى سودا سوممىسىدىن ئىبارەت ئىككى كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن، تىجارەتچىلەرنىڭ مەركەزلىشىشىنى مەلۇم قىلىش ئۆلچىمى ئېنىق بېكىتىلدى. تىجارەتچىلەرنىڭ مەركەزلىشىشى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكەنلىرى ئالدى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

   يىغىندا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش نىزامى(تۈزىتىش لايىھىسى)›› ۋە ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ تىجارەتچىلەرنىڭ مەركەزلىشىشنى مەلۇم قىلىش ئۆلچىمىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىسى( لايىھە)››گە يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئېلان قىلىپ يولغا قويىدىغانلىقى قارار قىلىندى.

   يىغىندا باشقا ئىشلارمۇ مۇھاكىمە قىلىندى. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ