|
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ دوھا ئۇچرىشىشى سۆھبىتىدە ئاچقۇچلۇق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىچىك تىپتىكى مىنىستىرلار يىغىنى توققۇز كۈن سودىلاشقاندىن كېيىن، 29 – ئىيۇل يەنىلا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇدا يەتتە يىل نەتىجىسى چىقمىغان دوھا ئۇچرىشىشى سۆھبىتىنى بۇ يىل ئاياغلاشتۇرۇش ئۈمىدى تېخىمۇ سۇسلاشتى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى لامى يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: سۆھبەت ئاساسلىقى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئالاھىدە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى جەھەتتە بىردەك پىكىر ھاسىل قىلالمىغانلىقتىن بۇزۇلدى، دېدى.
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئالاھىدە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتى تېز كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ھىندىستان ۋەكىللىكىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزا دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ نىسپىي ئاجىز يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاسراش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، بۇ مېخانىزمنى قوللىنىشنىڭ چېكىنى بوشىتىشنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن، بۇ ئامېرىكىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن، بۇ قېتىمقى يىغىن مەغلۇب بولدى. مۆلچەرلىنىشىچە، دوھا ئۇچرىشىشى سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق بولسا، ھەر يىلى تاموژنا بېجىنىڭ كېمەيتىلىشى ۋە كەچۈرۈم قىلىنىشى سەۋەبىدىن، دۇنيادا 130 مىليارد دوللار تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، دوھا ئۇچرىشىشى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نورمال سودىسىغا كاپالەتلىك قىلىش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھازىرقى ئاشلىق كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن.
شۇڭا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 30 نەچچە ئاساسلىق ئەزاسى 21 – ئىيۇلدىن باشلاپ جەنۋەدە مىنىستىرلار كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك ۋە غەيرىي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازار ئىجازىتى مەسىلىسىدە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان ئىختىلاپنى ھەل قىلىپ، دوھا ئۇچرىشىشى سۆھبىتىنى يىل ئاخىرىغىچە ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشقانىدى.
ھالبۇكى، كىچىك تىپتىكى مىنىستىرلار سۆھبىتىنىڭ بۇزۇلۇشى بۇ ئارزۇنى يوققا چىقاردى. دوھا ئۇچرىشىشى سۆھبىتىدىكى قاتماللىقنىڭ تۈگىمەسلىكى خەلقئارا سودا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.
لامى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ دوھا ئۇچرىشىشى سۆھبىتىگە ‹‹ئېغىر زەربە›› بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. لېكىن، ئۇ يەنە ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى، مۇشۇ ئاساستا سۆھبەتنى قايتا باشلاشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|