باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
روسىيە گېزىتىدە ئامېرىكا پاكىستاننى پارچىلىشى مۇمكىن، دېيىلدى
2008- 08- 05 10:54 شىنجاڭ گېزىتى

   پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مالىك بىلەن ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يېقىندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ رايوندىكى رادىكال تەشكىلاتلارغا بىرلىكتە زەربە بېرىشىنى قارار قىلدى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، بۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالىدۇ، دەپ قارىدى. روسىيە ‹‹كۈندىلىك سودا›› گېزىتىدە 24 – ئىيۇل روسىيىلىك مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: ئامېرىكا پاكىستان بىلەن ئىراننىڭ يېقىنلىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن، پاكىستاننى پارچىلىشى مۇمكىن، دېيىلدى.

   روسىيە ‹‹كۈندىلىك سودا›› گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: يېقىندىن بۇيان، غەرب ئەللىرى ئىراننىڭ يادرو پىلانى، پاكىستاندىكى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەت ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى ئەيىبلەپ كەلدى، ئامېرىكا ھەتتا بۇ ئىككى دۆلەتكە ھەربىي زەربە بېرىمىز، دەپ تەھدىت سالدى. بۇ ۋەزىيەت پاكىستان بىلەن ئىراننىڭ تەدرىجىي يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىستان بىلەن ئىراننىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ ھەم ئەنئەنىۋى دوستلۇقى بار. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مالىك بىلەن ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يېقىندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بىرلىكتە زەربە بېرىشنى قارار قىلدى. ۋەھالەنكى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يېقىنلىشىشى ئامېرىكىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى.

   روسىيە ‹‹كۈندىلىك سودا›› گېزىتىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى ھازىرچە تۆۋەن سەۋىيىدە بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى يەنىلا پاكىستان بىلەن ئىراننىڭ يادرو ھەمكارلىقى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىران يەنە پاكىستان ۋە ھىندىستان بىلەن تۇتىشىدىغان تۇرۇبا ياتقۇزۇشنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىمۇ ئامېرىكىنى ئەنسىرىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.

   روسىيىلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا مۇنداق ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويمايدۇ. ئامېرىكا پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ ‹‹مۇستەقىل›› بولۇشىنى قوللاش ئارقىلىق پاكىستان بىلەن ئىراننىڭ يېقىنلىشىشىغا زەربە بېرىشى مۇمكىن. پاكىستاندا ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ‹‹بەلۇجىستان دۆلىتى›› قۇرۇلسا، پاكىستاننىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بولىدىغانلىقى؛ بەلۇجىستان ئۆلكىسى ‹‹مۇستەقىل›› بولسا، پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە كارىدورىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت سالىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئىراننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى ئامېرىكىغا ناھايىتى ئايان.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ