|
. ئاۋسترالىيە 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن 4 – ئاۋغۇست ئالتۇن، كۈمۈش، مىس پۇلدىن تەركىب تاپقان بىر يۈرۈش ئو ت م خاتىرە پۇلى تارقاتتى.
. جۇڭگونىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ئاپەت رايونىدىن كەلگەن 50 نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 4 – ئاۋغۇست سەھەردە بۇداپىشتقا بېرىپ ئۈچ ھەپتىلىك داۋالىنىشنى باشلىدى.
. ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3 – ئاۋغۇست ھىندىستاننىڭ سىئۇل – ماكاي شتاتىدىكى بىر بۇتخانىدا يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 145كە يەتكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 60 نەچچە ئايال ۋە بالا بار ئىكەن.
. ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان 17 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز يىغىنى 3 – ئاۋغۇست مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە باشلاندى.
. 15 – نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى 3 – ئاۋغۇست سىرىلانكىنىڭ پايتەختى كولۇمبودا يېپىلدى، يىغىندا ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە كرىزىسى، تېررورلۇق تەھدىتى قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى.
. روسىيە ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› ئۆسمۈرلەر مەركىزى 3 – ئاۋغۇست ‹‹روسىيە كۈنى›› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بۇ يەردە داۋالىنىۋاتقان جۇڭگونىڭ سىچۈەندىكى ئاپەت رايونىدىن كەلگەن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا روسىيىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روسىيىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
. سۇمالى پايتەختى مۇقدىشۇدا 3 – ئاۋغۇست سەھەردە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ 15 كىشى قازا قىلدى، 42 كىشى يارىلاندى.
. ئىراق پايتەختى باغدادتا 3 – ئاۋغۇست سەھەردە ‹‹ئاپتوموبىلبومبا›› پارتلاپ 12 كىشى قازا قىلدى، 22 كىشى يارىلاندى.
. روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2 – ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە دۆلەت دۇماسى(پارلامنېتنىڭ تۆۋەن پالاتاسى) خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كىلىموۋ يېقىندا: روسىيە ھازىر كۇبا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىكى ھەربىي مەۋجۈتلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ، دېگەن.
. ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 2 – ئاۋغۇست ئېلان قىلغان جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فۇكۇدا ئىچكى كابېنتى كادىرلارنى كەڭ كۆلەمدە تەڭشىگەن بولسىمۇ، ئۇنى قوللاش نىسبىتى ئانچە ئۆرلىمىگەن، ئىچكى كابېنتنىڭ ئەھۋالى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|