|
كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇسابىقە شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
23 –نۆۋەتلىك ياشلار –ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى 2 – ئاۋغۇست مەلۇم بولدى، مۇسابىقىمۇ ئاياغلاشتى.
جوڭگو پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى چېڭ دۇڭخۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاڭ گولياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو ۋە ئاپتونون رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې لىلار مۇكاپاتلانغانلارغا مۇكاپات بەردى.
شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جاۋچيەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە يېپىلىش مۇراسىمىدا چېڭ دۇڭخۇادىن مۇسابىقە بايرىقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. 24 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار – ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى 2009 – يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، مۇسابىقە باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ نەييەن مۇسابىقە باھالاش كومىتېتىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن باھالاش خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر 13 پەنگە چېتىلدى. مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باھالاش كومىتېتى دۆلەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ، پەن – تېخنىكا يۇرتى، ئورۇنلىرىدىن كەلگەن 81 مۇتەخەسسىستىن تەركىب تاپقان بولۇپ، باھالاش، ساپا كۆزىتىش ۋە ماھارەت سىناش قاتارلىق ھالقىلاردا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرقى باھالاش كومىتېتىدىكىلەر مۇكاپاتلىنىدىغانلار تىزىملىكىنى بېكىتتى. مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى تۈرى بويىچە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 68 نى، 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 154 نى، 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 191 نى باھالىدى؛ يېتەكچىلەر يېڭىلىق يارىتىش تۈرى بويىچە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 25نى ، 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 44نى، 3 – دەرىجلىك مۇكاپاتتىن 60 نى ۋە مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا يېتەكچىسى مۇكاپاتىدىن ئوننى باھالىدى. مۇنەۋۋەر ياشلار – ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى بويىچە مۇسابىقە تۈرىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 70 نى، 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 150نى، 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 192 نى باھالىدى. ئۇلار يەنە ‹‹ ئىنتېرنىت ئىختىساسلىقى مۇكاپاتى›› ۋە ‹‹جۇڭگو پەن تېخنىكا جەمئىيىتى رەئىسى مۇكاپاتى›› ساھىبىلىرىنى باھالىدى.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ( ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياشلار – ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىدىن 22 سى مۇكاپاتلاندى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن بۇيان ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى نەتىجىسى. ئۇنىڭ ئارىسىدا ئىككى تۈر 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 12 تۈر 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ( بىر ‹‹ئىنتېرنىت ئىختىساسلىقى مۇكاپاتى›› نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سەككىز تۈر 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 17 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەملىكىتىمىزدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ئىككى پەن – تېخنىكا يېتەكچىسى پەن – مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى لى شۇخۇا ‹‹مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا يېتەكچىسى›› نىڭ بىرى دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.
|