|
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 22 – ئىيۇل ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: 2002 – يىلىدىن بۇيان خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ سىجىل ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ھايانكەشلىك ئامىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت ھازىرغىچە يوق. يېقىندىن بۇيان، خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسى ئۈزلۈكسىز چۈشتى، 23 – ئىيۇل نيۇ – يورك بازىرىدىكى ئېلېكترونلۇق سودىدا بىر باك نېفىتنىڭ باھاسى 126.03 دوللارغا چۈشتى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىقتىسادىدا ئومۇميۈزلۈك كاساتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەچكە، بازاردا نېفىتكە بولغان ئېھتىياج زور دەرىجىدە ئازىيىشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى قوزغىدى.
ئامېرىكا ‹‹نيۇ – يورك ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ 23 – ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، بۇ دوكلاتتا: تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان نېفىت ئىستېمالى شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ توختاپ قېلىشى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى تۈپ ئامىل، دەپ قارالغان.
نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن ئامېرىكىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچى دۆلەت مەجلىسىگە بېسىم ئىشلەتتى، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت مەجلىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۆپ قېتىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يېقىن دېڭىزدا نېفىت قېزىشنى كۆپەيتىش، تاۋار بازىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچى ئاپپاراتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتەك ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. بەزى تەھلىلچىلەر ھايانكەشلەرنىڭ رولىنى ئاجىزلىتىش ئارقىلىق نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى، ئۇنىڭدىن باشقا، نېفىت قەرەللىك مال سودىسىنى تاقىتىۋېتىشتەك چېكىدىن ئاشقان قاراش ۋە تەشەببۇسلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ دوكلاتتا يەنە ھايانكەشلەرنىڭ كۆپ پايدىنى كۆزلەپ، ئېنېرگىيە قەرەللىك مال بازىرىغا كۆپلەپ كىرگەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ھەر خىل سانلىق مەلۇماتلار نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ھايانكەشلەرگىلا دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ دوكلاتتا ھايانكەشلەرنىڭ سودا قىلمىشىنى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك باھا ئۆزگىرىشىدىن بۇرۇن ئەمەس، بەلكى باھا ئۆزگەرگەندىن كېيىن بېكىتىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
خەلقئارادا نېفىت باھاسى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەنلىكتىن، ئامېرىكا OPEC تىن نېفىت مىقدارىنى كۆپەيتىپ، نېفىت باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشىنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلدى. بىراق OPEC: خەلقئارا نېفىت بازىرىدا تەمىنات يېتەرلىك، دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نېفىت قەرەللىك مال سودىسىدىكى ھايانكەشلىك خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب، دەپ قاراپ كەلدى. بازار تەھلىلچىلىرىمۇ خەلقئارادا نېفىت باھاسىنىڭ كەينى – كەينىدىن يېڭى رېكورت يارىتىشىدا ھايانكەشلىك ئامىلىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، دەپ قارىدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|