باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ھىندىستان جۇڭگونىڭ پورت قۇرۇشقا قاتنىشىشىنى چەكلىدى
2008- 08- 05 09:50 شىنجاڭ گېزىتى

   ھىندىستان ‹‹ئىقتىساد ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ 23 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە: ھىندىستان ھۆكۈمىتى ‹‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتكە ئۇچرىدى›› دېگەن سەۋەب بىلەن ھىندىستاننىڭ پورت قۇرۇلۇشىغا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، شياڭگاڭ، پاكىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى شىركەتلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىدى، دېيىلدى. يېقىندا جۇڭگونىڭ پاكىستان، سرىلانكا ۋە بىرمىدا پورت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغانلىقى ھىندىستاننىڭ ‹‹خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى گۇمانى››نى قوزغىدى، ھىندىستان غەربتىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى بەزى رايونلارنىڭ پورت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ‹‹جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھىندى ئوكيانغا ئورۇنلاشتۇرغان مەرۋايىت مارجىنى›› دەپ، جۇڭگو ھىندى ئوكياندىكى مۇھىم سۇ ترانسپورتى لىنىيىسىنى يەنىمۇ كونترول قىلماقچى، دەپ قارىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھىندىستانلىقلارنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى ھىندىستاندا بىر مەھەل مودا بولغان ‹‹جۇڭگو ھىندىستانغا يېتىشىۋالماقچى›› دېگەن سۆز پۈتۈنلەي ئۆزگىرىشكە باشلىدى. بۇ، نۇرغۇن ھىندىستانلىقنىڭ كەيپىياتىنى ناھايىتى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى، ھىندىستاننىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاجىزلاپ كەتتى.

   ھىندىستان ‹‹ئىقتىساد ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ 23 – ئىيۇلدىكى سانىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ھىندىستان ھۆكۈمىتى ھىندىستان پورتلىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، شياڭگاڭ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرى ۋە پاكىستاندىن كەلگەن شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىپ قاتنىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش تەكلىپلىرى يەككە دېلو بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىپ رەت قىلىنغانىدى، بىراق ھازىر ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەت ۋە رايونلاردىكى شىركەتلەرنىڭ خېرىدارلىققا قاتنىشىشىنى خېرىدار چاقىرىش باسقۇچىدىلا چەكلەش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك چەكلەش بۇيرۇقى تۈزمەكچى. خەۋەرگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى بەزى ئاساسلىق پورتلارنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. ھىندىستاننىڭ پورت ۋە سۇ ترانسپورتى تارماقلىرى ئاز دېگەندە ئون پورتنىڭ قۇرۇلۇش لايىھىسىگە قايتىدىن خېرىدار چاقىرىشقا مەجبۇر بولىدىكەن. ‹‹ئىقتىساد ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەتتىكى نوپۇزلۇق ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ چەكلەش بۇيرۇقى بارلىق ئۇل قۇرۇلۇشقا باب كېلىپلا قالماي، يۇقىرىقى قۇرۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېڭىز، قۇرۇقلۇق يۈك ترانسپورتى ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت تۈرلىرىگىمۇ باب كېلىدىكەن.

   خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنى ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، سۇ ترانسپورتى ۋە سانائەت مىنىستىرلىكى بىرلىكتە چىقارغان ئىكەن. ‹‹ئىقتىساد ۋاقتى›› گېزىتىدە ھىندىستاننىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ھۆكۈمەت چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ  پورت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا تامامەن رۇخسەت قىلىدۇ، لېكىن تۆت دۆلەت ۋە رايون كەلگۈسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ پورتلار ھىندىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا يېقىن، شۇڭا قۇرۇلۇشقا قاتناشقان شىركەتلەر ھىندىستان دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىنىڭ يادرولۇق ئاخباراتىنى ئوڭايلا توپلىيالىشى مۇمكىن››.

  سىنگاپور ‹‹بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر›› گېزىتىنىڭ 24 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن، دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى تېز ياخشىلانغان بولسىمۇ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ‹‹دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالىدۇ›› دېگەننى باھانە قىلىپ، جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى تېلېگراف ۋە پورت  ساھەسىدىكى چوڭ قۇرۇلۇشلارغا  قاتنىشىشىنى رەت قىلىپ كەلدى. بەزى تەھلىلچىلەر: بۇ چەكلەش بۇيرۇقىغا چېتىشلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن قارىغاندا، ھىندىستان جۇڭگو، پاكىستان ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ھەزەر ئەيلەيدىكەن، دېيىشتى.
ھىندىستاندا كۆپ يىل ياشىغان بىر جۇڭگولۇق مۇنداق دېدى: ‹‹ جۇڭگولۇقلار بىلەن ھىندىستانلىقلارنىڭ بىر – بىرىگە بولغان پوزىتسىيىسىدە بۇنداق پەرقنىڭ بولۇشى ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپنى  چۈشەنمەسلىكىدىن بولغان. جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزەرىدە ھىندىستان ئەتىر، گۈزەل قىزلار كۆپ چىقىدىغان، ئۆزگىچە مەنزىرىگە ئىگە دۆلەت، ھىندىستانلىقلار رەقىب ئەمەس، بەلكى دوست. ئەمما ھىندىستانلىقلارنىڭ نەزەرىدە جۇڭگو يوشۇرۇن تەھدىت شۇنداقلا رېئاللىقتىكى ئەڭ چوڭ رەقىب. بۇ خىل پەرقنىڭ بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى  جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ھازىر ھىندىستاننىڭكىدىن كۈچلۈك، شۇڭا ھىندىستانلىقلار زىيادە سەزگۈر، ئاجىز››.
   ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ