|
روسىيە كۇباغا بومباردىمانچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن دېگەن خەۋەر بارغانسېرى ئەۋج ئالىدىغاندەك قىلىدۇ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 22 – ئىيۇل بۇ ئىش توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ: ئامېرىكا روسىيىنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمايدۇ، دېدى. كۇبانىڭ سابىق رەھبىرى فېدىل كاسترومۇ: كۇبانىڭ بۇ ئىش توغرىلىق ئامېرىكىغا چۈشەنچە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دېدى كەسكىن ھالدا. نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىسى ئۇ بىلدۈرگەن بۇ ئىپادىنى روسىيىنى قوللىغانلىق، دەپ قارىدى. روسىيە مۇتەخەسسىسلىرى روسىيىنىڭ كۇبادىكى يوشۇرۇن تىڭشاش پونكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەكلىپ قىلدى. شەك – شۈبھىسىزكى، روسىيىنىڭ بۇ بىر قاتار كۈچلۈك ئىنكاسىغا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشى سەۋەب بولغان. كۇبالىقلارنىڭ ئارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشى 1962 – يىلىدىكى كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسىنى ئەسكە ئالدى. ئامېرىكا خەلقئارا ئاگېنتلىقىمۇ ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەگەر روسىيە يادرو قورالى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى كۇباغا ئورۇنلاشتۇرسا، يېڭى كۇبا يادرو كرىزىسى پەيدا قىلامدۇ؟ دەپ ئەنسىرىدى.
روسىيە مۇتەخەسسىسلىرى كۇبادىكى يوشۇرۇن تىڭشاش پونكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەكلىپ قىلدى
روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 23 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنى ئەسكەر قىسقارتىش ۋە توقۇنۇشۇپ قالغانلارنى ياراشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ئالىكساندىر پىكايېۋ روسىيىنىڭ كۇبادىكى سىمسىز تېلېگرافلىق ئىز قوغلاش ۋە يوشۇرۇن تىڭشاش مەركىزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە: ‹‹كۇبا ئامېرىكىنى سىمسىز تېلېگرافلىق رازۋېدكا قىلىشتا ئەڭ مۇۋاپىق جاي. مېنىڭچە، روسىيىنىڭ سىمسىز تېلېگرافلىق يوشۇرۇن تىڭشاش پونكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ. روسىيە ئامېرىكىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك››، دېدى.
روسىيىنىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن تىڭشاش پونكىتى
كۇبا پايتەختى ھاۋانانىڭ يېنىدىكى لوردېس سىمسىز تېلېگرافلىق يوشۇرۇن تىڭشاش پونكىتى 40 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان يەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، روسىيىنىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن تىڭشاش پونكىتى شۇنداقلا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ تىپىك مەھسۇلى ئىدى.
لوردېس سىمسىز تېلېگرافلىق يوشۇرۇن تىڭشاش پونكىتىدا نۇرغۇن ئىلغار سىمسىز تېلېگرافلىق يوشۇرۇن تىڭشاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە پۇقراۋى سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. پارس قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، روسىيە ئارمىيىسى بۇ يوشۇرۇن تىڭشاش پونكىتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە ئائىت ئاخباراتلارنى توپلىغان، كېيىن يەنە ئىقتىسادقا ئائىت ئاخباراتلارنى كەڭ دائىرىدە توپلىغان، ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە ياكى سودا ئالاقىلىرىنى يوشۇرۇن تىڭشاش بۇ يەردىكى مۇتەخەسسىسلەرگە نىسبەتەن كىچىك ئىش. 2001 – يىلىدىكى ‹‹11 – سېنتەبىر›› ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ پونكىت بۇش زۇڭتۇڭ دۇنيا سودا سارىيىنىڭ نەق مەيدانىغا ئەۋەتكەن خاس خادىمى ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوشۇرۇن تىڭشىغان. بۇ پونكىت ئالاقە سىگنالىنى يوشۇرۇن تىڭشاشتىن سىرت، ئامېرىكىدا تارقىتىلغان ھەر خىل رادار سىگناللىرىنى توپلاشقىمۇ مەسئۇل. روسىيە ئالىمى: سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە روسىيىنىڭ %70 ئىستراتېگىيىلىك ئاخبارات مەنبەسىنى بۇ پونكىت تەمىنلىگەن، دېدى. بۇ سۆزنىڭ سەل مۇبالىغە تەركىبى بولسىمۇ، ئەمما بۇ پونكىتنىڭ ناھايىتى زور رولى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا لوردېس يوشۇرۇن تىڭشاش پونكىتى قۇرۇلغان چاغدا، ئامېرىكا ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئاپەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. بۇ پونكىتتا ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 3000 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا خادىمى ۋە ھەربىي ئاخبارات مۇتەخەسسىسى ئىشلەتتى. 2001 – يىلى 10 – ئايدا ئىستراتېگىيىلىك قىسقارتىش، ئىقتىساد ۋە مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشى، غەربتىن چېچىنىيە مەسىلىسىدە قوللاشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، روسىيە بۇ يوشۇرۇن تىڭشاش پونكىتىنى تاقاشنى قارار قىلغان.
تەھلىلچىلەر روسىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر قانداق شەكىلدىكى ‹‹كۇباغا قايتىش›› ئاساسەن ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىماقتا.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|