|

4–ئاۋغۇست ، جۇڭگو سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىن روسىيىدىكى ‹‹كىچىك بۈركۈت›› بالىلار مەركىزىگە كېلىپ ، دەم ئېلىپ ، داۋالانغان 200 گە يېقىن ئوقۇغۇچى تەتىل مەزگىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، جۇڭگوغا قايتتى .
بۇ ئوقۇغۇچىلار يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ، بۇلار روسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، 19–ئىيۇل ، روسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى قارا دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان ‹‹كىچىك بۈركۈت›› بالىلار مەركىزىگە كېلىپ دەم ئېلىپ ، داۋالانغان ئىدى .

ئوقۇغۇچىلار بالىلار مەركىزىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن خوشلاشماقتا
|