باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
يېڭى دەرس ئىسلاھاتى دولقۇنىدا ئوتتۇرا مەكتەپ سىياسەت ئوقۇتقۇچىلىرى قانداق ساپا ھازىرلىشى كېرەك؟
2008- 08- 04 16:47 شىنجاڭ گېزىتى

 ئامانگۈل سۇلايمان

    ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇرچى. شۇنداقلا ئىدىيە – سىياسەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ زىممىسىدىكى مۇشەققەتلىك ھەم شەرەپلىك ۋەزىپە. ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈشتە ئىدىيە – سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىدىيە – سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى بىرتەرەپتىن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ھېس قىلىش، ئويلاش، تونۇش ۋە ماھىيەتكە يانداشقان چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش تەربىيىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىسە، يەنە بىرتەرەپتىن دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەت، قانۇن – تۈزۈم، لۈشيەن – فاڭجېنلىرىنى يەتكۈزىدۇ. بۇلار چوڭ جەھەتتىن بىر ئادەمنىڭ توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىسا، يەنە بىرتەرەپتىن دۆلەتنىڭ ھەرخىل سىياسەت، ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىگە قارىتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىدىيە – سىياسەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسى بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي ئوبرازىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. شۇنداق بولغاچقا ئىدىيە – سىياسەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ ئىناۋىتى ۋە ساپاسىنى چوقۇم تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك، بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:

    1. پەزىلەت ئامىلى. پەزىلەت ئامىلى ئىدىيە – سىياسەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنىڭ ئاساسى. ئىدىيە – سىياسەت ئۇقۇتقۇچسى ۋەتەننى، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئىلمىي روھقا، ئالىيجاناب پەزىلەتكە، ئېسىل مەدەنىيەت تەربىيىسىگە ئىگە بولۇشى، شۇنداقلا  ئىختىساسلىقلار كۆز قارىشى، قىممەت قارىشى، رىقابەت قارىشى ۋە بازار ئىگىلىكى كۆز قارىشىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار بىلەن باراۋەر، ئىناق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى كېرەك.

    2. ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت ئامىلى. ئىدىيە – سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، مەسىلىلەرنى چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ماكسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنى پىششىق ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ مەيدان، كۆز قاراش ۋە ئۇسۇلى بويىچە مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشنى پىششىق ئىگىلىۋېلىشى كېرەك. ئوقۇتۇش داۋامىدا،  پاكىت كۆرسىتىپ، جانلىق سۆزلىگەندىلا، ئىدىيە – سىياسەت دەرسىنى جانلىق – قىزىقارلىق قىلىپ ئۆتكىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغىلى، ئوقۇتۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

   3. ھېسسىيات ئامىلى. ئوقۇتۇش پائالىيىتى  ئوقۇغۇچىنىڭ روھىي دۇنياسىنى يارىتىدىغان ئەمەلىي پائالىيەت بولغاچقا،  ھېسسىيات بۇ پائالىيەت داۋامىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. ئوقۇتۇش داۋامىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا ياخشى ئۈلگە بولسا، ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن ئوقۇغۇچىغا تەربىيە بەرسە، ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، كۆيۈنۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن بىرخىل مېھىر – مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ.

    ئومۇمەن، پەزىلەت ئامىلى، پەن – مەدەنىيەت ئامىلى، ھېسسىيات ئامىلى ئىدىيە – سىياسەت ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ساپاسىنى، ئىناۋىتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ تۈپ ھەل قىلغۇچ ئامىل. شۇڭا، ئىدىيە – سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى تەربىيىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بۇ ئۈچ ئامىلنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ