|
ئاينۇر قاسىم
سىنىپتا توغرا كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈشتە، مېنىڭچە، سىنىپ مۇدىرى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك:
1. سىنىپ مۇدىرى ئادەتلەندۈرۈش تەربىيىسى بېرىپ، توغرا كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. يىللىق ئوقۇش باشلاش مەزگىلىدە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان پارتىيىنىڭ سىياسەت – فاڭجېنلىرىنى، مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىنى ۋە ئوقۇغۇچىلار رىئايە قىلىدىغان ھەرىكەت ئۆلچىمىنى تەشۋىق قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ياخشى ئادەتنىڭ شەكىللىنىشى توغرا سىنىپ كەيپىياتىدا مۇھىم بولۇپ، كۈندىلىك ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا سىياسەت، قائىدە – تۈزۈملەردە چەكلەنگەن ئىشلارنى ‹‹ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى›› قىلىپ، بەلگىلىمىلەردە تەشەببۇس قىلغانلىرىنى ئىنتىلىش نىشانى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ توغرا يۆنىلىش، توغرا ئۆلچەم بويىچە بوشاشماي يېتەكچىلىك قىلىشى، ئوقۇغۇچىلاردا ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى ئادەت ۋە ياخشى پەزىلەت، ياخشى ئىستىل يېتىلدۈرۈشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا رىغبەتلەندۈرۈشنى ئاساس، تەنقىدنى قوشۇمچە قىلىشى، ياخشى پەزىلەت ۋە كەيپىياتنى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ماختىشى، سىنىپتا يۈز بەرگەن چوڭ – كىچىك خاھىشلارغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ياخشى ئىشنى تالىشىپ قىلىدىغان، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلمايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
2. سىنىپ مۇدىرى كۆز قاراشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توغرا كەيپىيات يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئادەتلىنىش تەربىيىسى ئوقۇغۇچىلارغا نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق، نېمە ئۈچۈن قىلىش، نېمە ئۈچۈن قىلماسلىقنى بىلدۈرۈش بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى گۇمانىي، چېگىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، توغرا دۇنيا قاراشنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تونۇشى تەدرىجىي ئايدىڭلىشىدىغان ھەم تۇراقلىشىشقا يۈزلىنىدىغان باسقۇچ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارغا ئېستېتىك قاراش، دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى ۋە ئېستېتىك گۈزەللىك قارىشى تەربىيىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. ئوقۇغۇچىلاردا يۇقىرىقىدەك قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن ھەق – ناھەق، گۈزەللىك ۋە رەزىللىك، ياخشىلىق ۋە يامانلىق قاتارلىق مەسىلىلەردە ساغلام بولغان ئىدىيىنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.
3. سىنىپ مۇدىرى توغرا كەيپىيات يېتىلدۈرۈشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. سىنىپ ئۈستىگە ئالىدىغان تازىلىق ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، كوللېكتىپ مۈلكىنى ئاسراش، سىنىپ كادىرلىرىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش، سىنىپ ئۈچۈن شەرەپ قازىنىش، سىنىپ ئىچىدىكى ناچار ئىش، ناچار ئىللەتلەرنى تۈزىتىش، ئىلغارلىققا سايلىنىش قاتارلىقلارنى تەكىتلەپ، پايدىسىز ئامىللارنىڭ شەكىللىنىشىنى چەكلەش كېرەك.
4. سىنىپ مۇدىرى ئۈلگە تىكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، توغرا كەييپىياتنى يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى باشلامچىلارنى ياخشى تاللىشى كېرەك. سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچى ئېتىراپ قىلىدىغان، باشقىلارغا باشلامچى بولالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ كادىرلىقىغا سايلىشى كېرەك.
|