باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىدىكى رولى
2008- 08- 04 12:06 شىنجاڭ گېزىتى

  ئايگۈل نۇرمۇھەممەت

    ئەدەبىيات دەرسى ساۋاتنى چىقىرىشتا تۇنجى بولۇپ ئۆگىنىدىغان ئەڭ دەسلەپكى دەرسلىك. ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق تەربىيىسى بەرگەندە، ئىنسان قەدىر قىممىتىنىڭ ئۆلچىمىنى تۇنجى بولۇپ شەكىللەندۈرگىلى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىدىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

    1. ئەدەبىيات كىشىنىڭ تىل ئارقىلىق مەقسەت – مۇددىئاسىنى ئىپادىلەش رولىنى ئوينىغاچقا، ئەدەبىي تىل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق تەربىيىسى بەرگەندە، ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلغىلى ۋە قىزىقتۇرغىلى بولىدۇ.

    2. ئەدەبىيات دەرسىدىكى ئەخلاق توغرىسىدا يېزىلغان ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر ئارقىلىق ئەخلاق تەربىيىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئەدەبىيات دەرسىدە ئەخلاق تەربىيىسىگە ئائىت ماقال – تەمسىللەر بىر قەدەر كۆپ. ئوقۇتقۇچى مۇشۇ ماقال –  تەمسىللەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىن مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئەخلاق تەربىيىسى بەرگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى بولغان ئەدەپ – ئەخلاققا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى ۋە دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

   3. ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاق توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپرەك يېزىشقا يېتەكلەش لازىم. ئەدەبىيات دەرسىدە كۆپرەك ئۇچرايدىغان نۇقتىلىق يېزىقچىلىق مەشىقىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاق توغرىسىدىكى كىچىك تىپتىكى ھەر خىل ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىشقا كۆپرەك يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ ئەخلاق توغرىسىدا ئۆز – ئۆزىگە يېڭىچە كۆز قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ،  ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئىپادىلەشكە تۈرتكە بولۇپ،  توغرا بولغان كۆز قاراشلىرى ئارقىلىق ئەخلاق چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.

    دېمەك، ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق ئەخلاق تەربىيىسى بەرگەندە، تەربىيىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان كىشىلىك قاراش، دۇنيا قاراش ۋە  قىممەت قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، شەخسىيەتچىلىك، ھەسەتخورلۇق، ئىتتىپاقسىزلىق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىپ، سېخىيلىق، ئىناقلىق، كۆيۈمچانلىق، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك روھنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ