|
زوھراگۈل بارات
يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئوقۇتۇش شارائىتىنى يارىتىپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوخشاش پىكىر قىلالايدىغان، دادىل پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، مەسىلىلەرگە قارىتا ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان باراۋەر شارائىتنى يارىتىپ بەردى. ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى بويىچە ئۆگىنىشكە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مېنىڭچە، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆتۈشتە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
1. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسىدە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ دەرسخانىدىكى رولىنى تولۇق تونۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنى ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى، ئوقۇتقۇچى ھەر ۋاقىت بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ئوقۇتۇش مېتودىنى يېڭىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر يوللىرىنى ئېچىش يولىدا ئىزدىنىشى، ئۆزىدە بار بولغان بىلىمنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىشكە، ھەمكارلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن يېتەكلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.
2. ماتېماتىكا دەرسىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن سورايدىغان سوئالغا ماھىر بولۇشى، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىشى، يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بويىچە، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئەركىنلىكىنى بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى سۆزلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق ئوقۇغۇچىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، ئىلھاملاندۇرغۇچىسى، باشلامچىسى، ياردەملەشكۈچىسى، ماسلاشتۇرغۇچىسى بولۇشى كېرەك.
3. ماتېماتىكا دەرسىدە ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكىنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە باغلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. يېڭىدىن تۈزۈلگەن ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى مەزمۇنلار ماتېماتىكىنى تۇرمۇشتىن ئېلىپ، يەنە تۇرمۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئاساسىدا، تۇرمۇشتىكى ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى چىقىش قىلغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچى دەرسلىكتىكى مىساللار ئارقىلىق، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ماتېماتىكىلىق شەكىل، دىئاگراممىلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغىشى كېرەك.
4. ماتېماتىكا دەرسىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىپ ئۆگىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىش ئۈچۈن، ماتېماتىكا دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ قالماستىن، دەرس ئوقۇتۇش ئۆلچىمى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشى كېرەك.
5. ماتېماتىكا دەرسىدە ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكا دەرسىدىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بېرىشتە، ئۇغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، ئىزدىنىش خاراكتېرى بولغان تاپشۇرۇقنىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
|