|

ئېلىمىزدە قۇرۇقلۇققا چىققان ‹‹سۇمرۇغ›› ناملىق تەيفىڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە ، 1–ئاۋغۇستتىن 2–ئاۋغۇستقىچە ، ئەنخۈي ئۆلكىسى چۇجۇ شەھىرى كۈچلۈك قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، زور كۆلەمدىكى سۇ ئاپىتى يۈز بەردى . تاشيول ، كۆۋرۈك ، دەريا قېشى قاتارلىق جايلار شۇنداقلا ئېلېكتر ئەسلىھەلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى . ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى ، قوراللىق قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى تېزلىكتە قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە كىرىشتى .

دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى 16 مىليونغا يەتكەن ، 47 مىڭ 950 ئادەم بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەن ، 2 ئادەم قازا قىلغان ، 16 مىليون 140 مىڭ مو يەردىكى زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىغان ، 2860 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، 13 مىڭ 753 ئېغىز ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان . ئاپەتتىن كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 605 مىليون يۈەنگە يەتكەن .
|