|

گوللاندىيىنىڭ خاگې شەھىرىدىكى ب د ت نىڭ ئىلگىرىكى يىگۈسلاۋىيە مەسىلىسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسى 31 – ئىيۇل بوسىنىيە –گېرتسېگوۋېنادىكى سېرىبلارنىڭ سابىق رەھبىرى كارادىچنى تۇنجى قېتىم سوتقا چاقىردى .
كارادىچ 1992 – يىلدىن 1995 – يىلىغىچە بوسىنىيە –گېرتسېگوۋېنا ئۇرۇش مەزگىلىدە سېرىبلارغا رەھبەرلىك قىلىپ ، ئىرق يوقىتىش جىنايىتى ، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنغان .

30– ئىيۇل ، ب د ت نىڭ ئىلگىرىكى يىگۈسلاۋىيە مەسىلىسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : بوسىنىيە –گېرتسېگوۋېنادىكى سېرىبلارنىڭ سابىق رەھبىرى كارادىچ شۇ كۈنى مەزكۇر سوتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ ، ھازىر ، خاگې شەھىرىگە يېقىن جايدىكى بىر تۈرمىگە سولاندى . كارادىچ 1992 – يىلدىن 1995 – يىلىغىچە بوسىنىيە –گېرتسېگوۋېنا ئۇرۇش مەزگىلىدە سېرىبلارنىڭ رەھبىرى بولغان . ب د ت نىڭ يىگۈسلاۋىيە مەسىلىسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسى 1995 – يىلى كارادىچىنىڭ بوسىنىيە –گېرتسېگوۋېنا ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن ئىرق يوقىتىش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان . كارادىچ جىنايىتىدىن قېچىپ 13 يىلدىن كېيىن . بۇ يىل 21 – ئىيۇلدا سېربىيىنىڭ پايتەختى بېلگرادقا قولغا ئېلىنغان .

|