|
كونگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى 30 – ئىيۇل مۇنداق دېدى : 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م دۇنيا ياشلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ ، ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر سەھنە .
ئۇ غەربتىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سىياسىي ئامىللار ئارقىلىق بېيجىڭ ئو ت م گە ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلىدى . ئۇ مۇنداق ھېسابلىدى : ئۇلار جۇڭگوغا قارا چاپلىماقچى . كونگو خەلقى جۇڭگو خەلقىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ .
ئۇ مۇنداق دېدى : كونگو ئەمدىلا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن قۇتۇلغاچقا ، دۆلەت كۈچى چەكلىك بولسىمۇ ، يەنىلا 29 ماھىر ۋە ترېنېردىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى .
|