باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئولمېرت : زوڭلىلىق ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىمەن
2008- 08- 01 11:57 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

    

   ئىسرائىلىيە زوڭلىسى ، ئالغا پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئولمېرت 30– ئىيۇل جىددى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى : ئالغا پارتىيىسىنىڭ رەئىس سايلىمىغا قاتناشمايمەن ھەم ئارىلاشمايمەن ، ئالغا پارتىيىسى يېڭى رەئىس سايلاپ چىققاندىن كېيىن ، زوڭلىلىق ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىمەن ھەمدە يېڭى رەئىسنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنى ‹‹تېز ۋە ئۈنۈملۈك›› تەشكىللىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىمەن . ھازىر ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىۋنى ، ترانسىپورت مىنىستىرى موفاز ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سېترىت ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى دىچتېر قاتارلىق ئالغا پارتىيىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەزالىرى سايلامغا قاتنىشىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈردى .

     ئولمېرت مۇنۇلارنى بىلدۈردى : زۇڭلىلىق ۋەزىپەمنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ، ئىسرائىلىيىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولدى ، مۇشۇ ئورنۇمدا تۇرىدىكەنمەن ، تىنىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن .

     تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى : ئولمېرتنىڭ سايلامغا قاتناشماسلىقىنى قارار قىلىشى ، ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ