باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
2008- 08- 01 11:43 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     .دۇبەي خەلىپىسى مۇھەممەدنىڭ رەپىقىسى ھايا 31 – ئىيۇل بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى. ھايا خانىم 29– نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شۇنداقلا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا تۇنجى بولۇپ كەلگەن خەلقئارالىق ئەزىز مېھمان ھېسابلىنىدۇ .

 .سەھىيە مىنىستىرلىكى پىلان– مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ زىلىننىڭ 31 – ئىيۇل ئاشكارىلىشىچە: 2009– يىلى مەركەز — ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت 3 دەرىجىلىك سەھىيە ئۇل– مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن، مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن تەخمىنەن 2 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئاجرىتىدىكەن.

     ·ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يى چېڭجى 31 – ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئورگانلارنى تەسىس قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، يېڭىدىن 25 مەھكىمە ۋە ئىدارە تەسىس قىلىندى، جۇملىدىن  23 فونكسىيىلىك مەھكىمە، ئىدارە ۋە ئورگان پارتكومى، دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققان كادىرلار ئىدارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     ·مۇخبىرنىڭ 31 – ئىيۇل مائارىپ مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىكى 30 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، 6 تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيىلەش پىلانىنى قوللاپ، 300 مىڭدىن كۆپرەك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى بىۋاستە تەربىيىلەيدىكەن.

     ·مۇخبىرنىڭ 31 – ئىيۇل ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ئىككى يىل ئىچىدە ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىتتىپاق كومىتېتلىرىدىن 4 تۈركۈمگە بۆلۈپ 2 مىڭ 800 دىن كۆپرەك ئىتتىپاق كادىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېتلىرىغا خىزمەتكە ئەۋەتىپ، مەبلەغ، تۈر قاتارلىق جەھەتلەردە ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىغا مايىل بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ جەلبكارلىقى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى قارار قىلغان. 

     .دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزىنى ئۆزى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، جىسمانىي، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، 31 – ئىيۇل شاڭخەيدە ‹‹جۇڭگو كونسۇللىرىنى قوغداش ۋە ياردەملىشىش كۆرسەتكۈچىسى›› نى ئېلان قىلدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ