|
. دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ياڭ جيېچى 31 – ئىيۇل تەكلىپكە بىنائەن ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى مىلىباند بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، ئاسىيا – ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىنىڭ بۇ يىل بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
. ھىندىستان ‹‹ھىندى مۇخلىسلىرى›› گېزىتىنىڭ 31 – ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، 30 – ئىيۇل، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ھەربىي دائىرىلىرى چېگرا رايوننىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ بىر كۈن ئۆتمەيلا، ئىككى دۆلەتنىڭ كەشمىر رايونىدىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقى ئەتراپىدا يەنە ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
. تايلاند جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 31 – ئىيۇل سابىق زۇڭلى تاسىننىڭ رەپىقىسىنىڭ باجدىن قېچىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا قاراپ چىقىپ، ئۇنى باجدىن قېچىش جىنايىتى بىلەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
. ‹‹لوس – ئانژېلىس ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ 30 – ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى يېقىندا ئىسرائىلىيىگە گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىتى ‹‹بوشىغان›› بولسىمۇ، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىش پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەن.
. تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى 30 – ئىيۇل، تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|