باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى
2008- 08- 01 10:48 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، شەھەر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى ئومۇميۈزلۈك كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى(لايىھە)›› قاراپ چىقىلدى ۋە پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

   يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: 2008 – يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە شەھەر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتى ئومۇميۈزلۈك كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىدىن بەھرىلىنىدىغان ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق ھەقسىز دەرسلىك بىلەن تەمىنلىنىدۇ،  ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى راسخوتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئاساسىدا، شەھەر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار، تارماقلار ئىدىيىدە بىرلىككە كېلىپ، تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ، شەھەر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى ئىشنى ھەقىقىي ياخشى قىلىشى كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شەھەر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش بىلەن بىللە، جايلار يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، راسخوت سېلىنمىسىنى داۋاملىق يېزىلارغا مايىللاشتۇرۇپ، خەتەرلىك مەكتەپ بىنالىرىنى نۇقتىلىق مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆزگەرتىپ، يېزا ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ،  ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىش، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىنات ۋە يېزىلاردىكى ئائىلىسىدە قالغان بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش، تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى قەدەممۇ قەدەم ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇپ، تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىز قاتناشقان خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە بېرىلگەن ھوقۇقىمىزنى يۈرگۈزۈشىمىز ئۈچۈن، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر. پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىدە پاتېنت ھوقۇقى بېرىش ئۆلچىمى، تەرتىپى، پاتېنت ئىگىسىنى قوغداش، پاتېنت تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىش  قاتارلىق ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمىلەر يەنىمۇ تولۇقلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. يىغىندا بۇ لايىھىگە يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشى قارار قىلىندى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ