باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدىكى داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغان ئەزالىرىغا خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىپ بەردى
2008- 08- 01 10:46 شىنجاڭ گېزىتى

جيا چىڭلىن خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىپ بەردى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بۈگۈن بېيجىڭدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي كېڭەش 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدىكى داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغان ئەزالىرىغا خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىپ بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغان دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىغا خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىپ بەردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ گاڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خاتىرە ئىزنىكى شان – شەرەپ ۋە شاھىتلىقنىڭ بەلگىسى، ئۇنىڭغا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى ئىش – پائالىيەتلىرى ۋە ئېسىل ئىستىلى مۇجەسسەملەنگەن؛ خاتىرە ئىزنىكى يەنە رىشتىلىك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى ئوينايدۇ، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى بىلەن سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىنى باغلاپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئالايىتەن خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ سىياسىي كېڭەش چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلىگەن گۈزەل مىنۇتلارنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىغا باشتىن – ئاخىر رىشتە باغلاپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   يولداش ۋاڭ مېڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغان ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ