|
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 23 – ئىيۇل جۇڭگونىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا ئوخشاشمىغان سادالار ئاڭلاندى. ئالدى بىلەن ياۋروپا يېمەكلىك ۋە يەم – خەشەك ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى شۇ كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان بېلىق مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئارقىدىنلا ياۋروپا ئىتتىپاقى سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاسلىئو جۇڭگونىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى، ‹‹ئو ت م مەزگىلىدە بېيجىڭغا بارغان ياۋروپالىقلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ››غانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 23 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە: ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىل 10 – ئايدا جۇڭگوغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئاساسلىقى بېلىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرىدۇ، دېيىلدى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە: ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ ياۋروپا يېمەكلىك ۋە يەم – خەشەك ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېيىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشىدىكى سەۋەب ياۋروپا يېقىندا باشلىغان يېمەكلىك سۈپىتىنى تەكشۈرۈشتە، جۇڭگودىن تەركىبىدە ‹‹ساغلام بولمىغان ئامىللار مەۋجۇت›› بېلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنغانلىقى بايقالغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى 2007 – يىلى ئېلان قىلغان بىخەتەرلىك مەسىلىسى ساقلانغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار ئىچىدە جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرى% 12 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ھايۋانات دورىسى قالدۇقى ۋە توڭلىتىلغان بېلىققا قوشۇلغان خۇرۇچنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىكەن.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|