|
نېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى رام ياداۋ 23 – ئىيۇل قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.
64 ياشلىق رام ياداۋ نېپال پايتەختى كاتماندۇنىڭ جەنۇبىدىن تەخمىنەن 125 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دانۇسا ناھىيىسىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، مادىشى مىللىتىدىن. مادىشى مىللىتى دېگەندە نېپالغا كۆچمەن بولۇپ كەلگىنىگە 100 يىلچە بولغان ھىندىستانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار نېپال ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرقىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
رام ياداۋ كاتماندۇدا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھىندىستانغا بېرىپ دوختۇرلۇقتا ئوقۇغان، ھىندىستان كالكۇتتا تېببىي ئىنستىتۇتىدا تېببىي ئىلمى بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ۋە ھىندىستان چاندىگار تېببىي تەتقىقات يۇرتىدا تېببىي ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، نېپالنىڭ جەنۇبىدىكى تېراي رايونىدا دوختۇرلۇق قىلغان.
20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى نېپال پادىشاھى ماخېندرا پارتىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پارتىيە – گۇرۇھسىز كېڭىشى تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، رام ياداۋ سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇ 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا دېموكراتىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ‹‹خەلق ھەرىكىتى››گە قاتنىشىپ، سىياسىيون بولغان ھەم نېپال كونگرېس پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتتە سەھىيە مىنىستىرى، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
بۇ يىل 17 – ئىيۇل نېپال ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىدىكى 2 – چوڭ پارتىيە – نېپال كونگرېس پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى رام ياداۋ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى. ئۇ 21 – ئىيۇل نېپال ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 2 – قېتىملىق ئاۋاز بېرىشىدە غەلىبە قازىنىپ، نېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|