|
‹‹روسىيە كۇبادا يىراق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان بازىسى قۇرماقچى›› دېگەن خەۋەر جەزىملەشتۈرۈلمەي تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۇ ھەقتە قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى شۋارتس 22 – ئىيۇل: ئامېرىكا روسىيىنىڭ بۇنداق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ ھەم كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، روسىيىگە ‹‹چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكى›› نى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، دېدى. بۇ، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا گېنېرالىنىڭ روسىيىنى ئەڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىسى بۇ ۋەقەنى ئەينى يىلى يادرو ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالغىلى تاس قالغان ‹‹كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى›› گە ئوخشىتىپ تىلغا ئالدى. ئامېرىكا جاھىللىق بىلەن شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقتىن جىددىيلىك كېلىپ چىققان ئامېرىكا – روسىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىرىكلەشتى.
روسىيە نەزەرىنى لاتىن ئامېرىكىسىغا يۆتكىدى
ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تالاش – تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى روسىيىنىڭ ‹‹خەۋەرلەر›› گېزىتى. بۇ گېزىتنىڭ 21 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە روسىيە ھاۋا ئارمىيىسى يىراق مۇساپىلىك ئاۋىئاتسىيە قىسىمى قوماندانلىق شتابىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: روسىيە ئامېرىكىنىڭ پولشا بىلەن چېختا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقىدىن بەكمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ، كەسكىنلىك بىلەن قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈپ، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى كۇباغا ئەۋەتىشى، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىغا بىۋاسىتە يېقىنلىشىپ چارلاپ ئۇچۇشقا سېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلار پولشا بىلەن چېختا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقاندا، يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيىلىك ئاۋىئاتسىيە قىسىمىمىزنىڭ ئايروپىلانلىرى كۇباغا بېرىپ بولىدۇ. ‹‹خەۋەرلەر›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: روسىيىنىڭ كۇبادا ئۇزاق مۇددەتلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلار بازىسى قۇرىدىغان – قۇرمايدىغانلىقى ياكى كۇبانى بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىلا قىلىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم.
روسىيە جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، گېنېرال پولكوۋنىك ئىۋاشوۋ ‹‹خەۋەرلەر›› گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق قارىدى: روسىيە ئارمىيىسى ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ كۇبادا دائىم تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بىراق كۇبانى ئۆتەڭ ياكى ماي قاچىلاش ئايروپورتى قىلىشقا بولىدۇ. روسىيە 2001 – يىلى تاقىۋېتىلگەن لوردېس يوشۇرۇن تىڭشاش پونكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسا، ئىشىنىمىزكى، كۇبالىقلار قارشى تۇرمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹كۇبالىقلارنىڭ بىزنى كۈتۈۋاتقىنىغا ناھايىتى ئۇزاق بولدى، مېنىڭچە، ئۇلار ھېلىھەم بىزنى كۈتۈۋاتىدۇ››.
روسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كېيىن بۇنى كەينى – كەينىدىن خەۋەر قىلىپ، بۇ مەسىلىنى كۈچەيتىۋەتكەندەك قىلىدۇ.
روسىيىلىكلەر بۇنداق خەۋەرلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹كرېمىل كۇبادا بومباردىمانچى ئايروپىلانلار بازىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە دەرھال ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ بۇ خەۋەرلەرگە سوغۇق سۇ سېپىپ: ‹‹بۇ خەۋەرنى بەرگەن مۇخبىر يالغان ئىسىم قوللانغان، خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسىدە دېيىلگەن تەشكىلات ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس،›› دېدى.
روسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تور پونكىتلىرى 23 – ئىيۇل ئامېرىكا گېنېرالىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى، كۆپىنچە ماۋزۇلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئاجىز يېرىگە زەربە بېرىلگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقى ئىپادىلەندى. يەنى ‹‹روسىيە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىغا كۇباچە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپتى››، ‹‹روسىيىنىڭ ئىنكاسى ئامېرىكىلىقلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى››، ‹‹روسىيە <چەك> تىن ئېشىپ كېتىپتىمىش›› قاتارلىقلار. بەزى روسىيە تور ئەھلى مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا نېمىگە ئاساسەن روسىيىنىڭ كۇبادا بومباردىمانچى ئايروپىلانلار بازىسى قۇرۇشىغا قارشى چىققۇدەك؟ شۋارتسنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ ‹‹ ياخشى›› ھەربىي تەكلىپ بەرسە بولىدىكەنۇ، روسىيە بۇنداق قىلسا بولمامدىكەن؟
كۇبانىڭ مەقسىتى يادرو ئۇرۇشىنى غەربلىكلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش
ئامېرىكىدىكى بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ‹‹يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، روسىيىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى ناھايىتى كۆپىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ <چەكتىن ئېشىپ كېتىش> دېگەن كۈچلۈك ئىبارە بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشى تېخى تۇنجى قېتىم››.
ئامېرىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن خەۋەرگە بۇنداق كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، كۇبا ئامېرىكىلىقلار بىلەن غەربىي ياۋروپالىقلارنىڭ نەزەرىدە بىر خىل بەلگىگە ئايلاندى، بۇنىڭدىن 46 يىل ئىلگىرىكى ‹‹كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى›› ئىنسانىيەتنى يادرو ئۇرۇشىغا ئەڭ يېقىنلاشتۇرغان ۋەقە بولغان، نۇرغۇن كىشى شۇ تارىخنى ئەسلىگەندە ۋەھىمىدە قالىدۇ. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 23 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بومباردىمانچى ئايروپىلاننى كۇباغا چارلاشقا ئەۋەتمەكچى بولۇشىدىكى مەقسەت موسكۋا بىلەن ھاۋانادىن ئىبارەت سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى بۇ ئىككى ئىتتىپاقداشنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ قايتا باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش، بۇ موسكۋا بىلەن ھاۋانانىڭ يەنە ھەربىي جەھەتتە ھەمكارلىشىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ 1962 – يىلىدىكى ‹‹كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى››گە بولغان خاتىرىسىنى يەنە ئويغىتىدۇ. ‹‹كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى›› تۈگىتىلگەندىن كېيىنمۇ كۇبا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشىغا كۆپ قېتىم بىۋاسىتە سەۋەبچى بولغان. 1970 – يىلى ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كۇبانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى شىئېنفۇگوستا يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى بازىسى قۇرۇشقا كۈچەپ كەتكەندە، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىرقېتىم كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان، كېيىن موسكۋا بۇ پىلاندىن ۋاز كەچكەن. 1979 – يىلى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم كرىزىس يۈز بەرگەن، جۈملىدىن ئەينى چاغدا ئامېرىكا كۇبانىڭ ئىككى ‹‹MG –23›› بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، ئاخىر بۇ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ يادرو قورالى توشۇمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدىكى زۇڭتۇڭى كاتې بۇ ئىشنى خەلقىئالەمگە ئاشكارىلىماسلىقنى قارار قىلغان.
خەۋەر ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بولسىمۇ، كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلار روسىيە راستىنلا تەھدىت سالالايدۇ، دەپ قارىمايدۇ.
‹‹ۋاشىنگتون پوچتىسى›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بەزى روسىيىلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىلىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، يېڭىچە كۇبا كرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشى ئېھتىمالدىن ناھايىتى يىراق، دەپ قارالدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: روسىيە ئەمەلىيەتتە ‹‹ناھايىتى دۆتلۈك بىلەن پسىخىكا ئۇرۇشى›› قىلىۋاتىدۇ. پۇتىن بىلەن مېدۋېدېۋ كەسكىن سۆز – ئىبارىلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمەلىي مەسىلىگە كەلگەندە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولدى، ئۇلار غەربكە ھەقىقىي تەھدىت سالىدىغان ھەرىكەت قوللىنىپ باققىنى يوق.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|