باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ھىندىستاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئاساسلىق پارتلىتىش ۋەقەلىرى
2008- 07- 31 10:38 شىنجاڭ گېزىتى

   ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 27 – ئىيۇل ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى گۇجارات شتاتىنىڭ ئەھمەدئاباد شەھىرىدە 26 – ئىيۇل كەچتە 18 قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 45 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 100 نەچچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈزۈلمىدى. ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ يىل 2 – ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2002 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە جەمئىي 5011 كىشى زوراۋانلىق ۋەقەسىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان. بولۇپمۇ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان زور تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئۈزۈلمىگەن، قېتىم سانىمۇ كۆپەيگەن، ئاساسلىق تېررورلۇق ۋەقەلىرى:

2006 – يىلى

   28 – فېۋرال، ئوتتۇرا قىسىمدىكى چەتتسگار شتاتىنىڭ مەركىزى لايبۇلىننىڭ جەنۇبىدىن 500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا ئىككى يۈك ئاپتوموبىلىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 55 كىشى قازا قىلغان، 20 كىشى يارىلانغان.

   11 – ئىيۇل، بومباينىڭ شەھەر تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي لىنىيىسىدە ئۇدا يەتتە قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 187 كىشى قازا قىلغان، 844 كىشى يارىلانغان.

   8 – سېنتەبىر، غەربىي جەنۇبتىكى ماخاراشترا شتاتىنىڭ مالېگائون شەھىرىدە ئۇدا تۆت قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 31 كىشى قازا قىلغان، 300 كىشى يارىلانغان.

2007 – يىلى

   19 – فېۋرال، ھىندىستاندىن پاكىستانغا ماڭغان بىر تېز پويىز خاريانا شتاتىنىڭ بانىبوت شەھىرىگە يېقىن جايدا كېتىۋاتقاندا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 66 كىشى قازا قىلغان، 20 نەچچە كىشى يارىلانغان.

   25 – ئاۋغۇست، جەنۇبىي قىسىمدىكى ئاندرابى شتاتىنىڭ مەركىزى ھەيدەرئابادتا كەينى – كەينىدىن پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 42 كىشى قازا قىلغان، 50 كىشى يارىلانغان.

  23 – نويابىر، ئۇتتارپرادېش شتاتىنىڭ مەركىزى لۇكنو ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ۋاراناسى، فەيزاباد شەھەرلىرىدە يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئالتە قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 73 كىشى قازا قىلغان.

2008 – يىلى

   13 – ماي، راجاستان شتاتىنىڭ مەركىزى جايپۇردا كەينى – كەينىدىن پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 60 كىشى قازا قىلغان، 150 نەچچە كىشى يارىلانغان.                                                                                     شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ