|
▲گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ يېقىندا 528 – نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ <تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇنلارنى باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››نى ئېلان قىلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹تىجارەت خاراكتېرىدىكى ئويۇنلارنى باشقۇرۇش نىزامى›› 57 ماددا بولۇپ، ئومۇمىي پرىنسىپ، تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش سۇبيېكتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇننىڭ ئۆلچىمى، نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش، قانۇنىي جاۋابكارلىق، قوشۇمچە پرىنسىپتىن ئىبارەت ئالتە بابقا ئايرىلغان.
▲گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 2008 – يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكرىنى تارقاتتى. پىكىردە بۇ يىلقى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى توققۇز نۇقتىلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
▲دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان كۆزىتىش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىز ماكرو ئىگىلىكىنىڭ ئاگاھ كۆرسەتكۈچى 114.9 بولۇپ، مۇقىم ھالەتتىكى ‹‹يېشىل چىراغ رايونى››دا تۇرغان.
▲ئىگىلىنىشىچە، سىچۇەننىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە يەر تەۋرىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى سىستېمىسىدىكىلەر ئىئانە قىلىنغان 15 مىليارد 840 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى پۇل ۋە ماددىي بۇيۇمنى قوبۇل قىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|