باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا تېز خەۋەرلەر
2008- 07- 31 10:30 شىنجاڭ گېزىتى

   . جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسى 29 – ئىيۇل يېڭى ئەلچىخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى، ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جيېچى مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. 

   . روسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ 30 – ئىيۇل موسكۋادا جۇڭگونىڭ سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىدىن داۋالانغىلى كەلگەن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

   . ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى رېس 29 – ئىيۇل زىيارەتكە كەلگەن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باراك بىلەن مەخپىي سۆھبەتلەشكەن، باراك ئىسرائىلىيىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

   . ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى رېس 29 – ئىيۇل سۆز قىلىپ، ئىراننى ئامېرىكا، روسىيە، جۇڭگو، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە ئوتتۇرىغا قويغان يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسىگە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئېنىق جاۋاب بېرىشكە دەۋەت قىلدى.

   . گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان ب د ت سابىق يۇگوسلاۋىيە مەسىلىسى جىنايى ئىشلار سوتى 30 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى سېرىبلارنىڭ سابىق رەھبىرى كارادىچنى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھازىر گائاگاغا يېقىن سخېۋېنىڭېن تۈرمىسىگە قامالغانلىقىنى جاكارلىدى.    

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ