|
24–كۈنى ‹‹تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك›› دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش پارتىلىسا، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچىراپلا قالماي، مۇشۇ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. خۇددىي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى سۇلىن ئېيتقاندەك، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كوللېكتىپ ئوبرازى زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تايلاند ۋە كامبودژا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆز ھەركىتىنى دۆلەت ئىچىدىكى بېسىم ۋە مىللىي روھنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىتىش ھەمدە بۇ خىل تىركىشىش ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي مەنپەئەت قوغلىشىشتىن ۋاز كېچىپ، نۆۋەتتىكى تىركىشىش ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەركەت ئېلىپ بېرىشى، ئاندىن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىشى كېرەك.
ئوبزورچى ماقالىسىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ تەشكىلاتى كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ، تايلاند بىلەن كامبودژا چېگرىسىغا جايلاشقان پېرئاخ ئىبادەتخانىسىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى. ئەمما، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ رايون توغرىسىدىكى زېمىن تالاش- تارتىشى ھەل قىلىنمىغان بولغانلىقتىن، بۇ خوشخەۋەر ئەكسىچە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى.
ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، تايلاند بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەت پېرئاخ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان رايوننىڭ ئۆز زېمىنىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى قايتا- قايتا تەكىتلىدى ھەمدە بۇ رايونغا ئەۋەتىلگەن ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىپ، بۇ رايوندا نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قوراللىق تىركىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، سىنگاپوردا ئېچىلغان يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدا ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىدى. كامبودژا تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە بۇ ئىشنى گائاگا خەلقئارا سوت كوللېگىيىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا تاپشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تايلاند تەرەپ بولسا، ھەر قانداق 3–تەرەپنىڭ ئارلىشىشىنى رەت قىلدى. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي تىركىشىش يەنىمۇ ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئەگەر تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولسا، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش تەسكە توختايدۇ.
پېرئاخ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى توغرىسىدىكى تالاش–تارتىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا نەچچە 10 يىل بولغان بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مۇستەملىكە دەۋرىدىن قېپقالغان تارىخىي مەسىلە ھېساپلىنىدۇ. 20– ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، فرانسىيە كامبودژادىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىنى تايلاند باستى ھەمدە ئەسكەر ئەۋەتىپ، بۇ جاينى بېسىۋالدى. كامبودژا تەرەپ دەرھال گائاگا خەلقئارا سوت كوللېگىيىسىگە ئەرز سۇندى. ئىككى تەرەپنىڭ قوراللىق كۈچلىرى چېگرا رايونلاردا تىركىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. گائاگا خەلقئارا سوت كوللېگىيىسى پېرئاخ ئىبادەتخانىسىنىڭ كامبودژاغا تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، تايلاند تەرەپ قوبۇل قىلىشنى خالىمىسىمۇ، ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئىبادەتخانا رايونىدىن چېكىندۈرۈپ چىقتى. ئەمما بۇ، تالاش– تارتىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
2001– يىلى، كامبودژا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مەدەنىيەت مائارىپ تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، پېرئاخ ئىبادەتخانىسىنى دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغاندا، تايلاند يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى. بۇ يىل 5– ئايغا كەلگەندە، ئىككى تەرەپ بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، تايلاند تەرەپ كامبودژا تەرەپنىڭ ئىبادەتخانا ئەتراپىدىكى تايلاند زېمىنىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى مەسىلىسىگە چېتىلدۇرماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پېرئاخ ئىبادەتخانىسىنى دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشىغا ماقۇل بولدى. مۇشۇ ئاينىڭ 7–كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مەدەنىيەت مائارىپ تەشكىلاتى پېرئاخ ئىبادەتخانىسىنى دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەستىقلىغاندا، تايلاند پۇقرالىرى دەرھال كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى جامائەت پىكرىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچار قىلدى. ئۆكتىچى پارتىيىلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى‹‹ۋەتەن ساتقىنلىرى›› دەپ ئەيىپلىدى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىشنىڭ يېڭى بىر باسقۇچلۇق ھەركىتىنى باشلىدى.
كامبودژا بىلەن تايلاندنىڭ پېرئاخ ئىبادەتخانىسىنى تالىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەربىي تىركىشىشى— كىشىلەرگە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى تىنچلىق كۆرۈنۈشى ئاستىدا، نۇرغۇن يۇشۇرۇن خەۋىپلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. زېمىن تالاش– تارتىش كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئويلاپ يەتكىنى قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت بولدى. بۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق روھى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىرىكىش نىشانىغا ماس كەلمەيدۇ.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىدىن ئۆرنەك ئالماقتا. ئەمما، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ بۇ مۇساپە ئۈچۈن كۆسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. شۇنى ئويلاپ يېتەلەيمىزكى، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەر ئوتتۇرىسىدا زېمىن تالاش–تارتىشى يۈز بەرسە، ئىككى تەرەپتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر خەلقئارا قانۇننى نەزەرگە ئالماي، چېگرا رايونغا كۆپلەپ ئەسكەر ئەۋەتىپ، قورال كۈچى ئىشلىتەمدۇ؟ كامبودژا بىلەن تايلاندتىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قارىغاندا، كىشىلەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىرىكىش نىشانىنىڭ ئاساسىي تولىمۇ ئاجىزلىقىنى ئاسانلا ھېس قىلالايدۇ.
ئەگەر كامبودژا بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرسە، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپلا قالماي، مۇشۇ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. خۇددىي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى سۇلىن ئېيتقاندەك، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كوللېكتىپ ئوبرازى زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تايلاند ۋە كامبودژا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆز ھەركىتىنى دۆلەت ئىچىدىكى بېسىم ۋە مىللىي روھنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىتىش ھەمدە بۇ خىل تىركىشىش ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي مەنپەئەت قوغلىشىشتىن ۋاز كېچىپ، نۆۋەتتىكى تىركىشىش ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەركەت ئېلىپ بېرىشى، ئاندىن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىشى كېرەك.
|