|
ئامېرىكا جامۇستون فوندى جەمئىيىتى(ئاقىللار ئامبىرى) ‹‹جۇڭگوغا ئائىت قىسقا خەۋەرلەر›› گېزىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدىكى ‹‹بېيجىڭنىڭ جاسۇسلار تورى›› سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە ھەربىي مەخپىيەتلىكى(بولۇپمۇ تېخنىكا مەخپىيەتلىكى)نى ئوغرىلاشتا، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئورگىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ك گ ب سىگە يېتەلمەيتتى. ئەمما ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى. ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە، جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىنى ئالدى ھەم سانائەتكە ئائىت ئاخباراتلارنى توپلاشتا ك گ ب دىنمۇ ئېشىپ چۈشتى. ھازىر جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا ئۈستۈنلۈكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىشتا يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ك گ ب غا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە سانائەت ساھەسىگە كىرەلەيدىغان مىسلىسىز پۇرسەتكە ئېرىشتى. ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان جۇڭگولۇقلار 100 مىڭدىن ئاشىدۇ. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاسۇس بولۇشى ناتايىن، ئەمما ئۇلار جۇڭگولۇق بولغاچقا، جۇڭگونىڭ سانائەتكە ئائىت ئاخباراتلارنى مەخپىي يىغىش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. جۇڭگو ھەر قايسى ساھەدىكىلەر ۋە تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى چەت ئەلدە پەسكەش ئىشلارغا سالىدۇ، بۇ ئالىملار، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنى ئىشقا سېلىش، ھەتتا ئاتاقتىكى شىركەتلەرنى قۇرۇش ياكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بالا شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قوشما شتات تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدا 3000دىن ئارتۇق شىركەت جۇڭگو ۋە ئۇنىڭ تېخنىكا توپلاش پىلانى بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى بالا شىركىتى بولۇپ، ھازىر ئۇلارنى پەرق ئېتىشمۇ تەس بولۇپ كېتىپتۇ. يېقىنقى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پەردە ئارقىسىدىكى جۇڭگولۇق خوجايىنلىرى بىلەن ئارىلىق ساقلاش ئۈچۈن، نامىنى ئۆزگەرتىپتۇ.
‹‹يەرشارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|