باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
بوسنىيە–گېرتسېگوۋىنا سېربلىرىنىڭ سابىق رەھبىرى كارادىچ
2008- 07- 30 12:31 شىنجاڭ گېزىتى

   سېربىيىنىڭ زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى 21 – ئىيۇل كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ: ب د ت نىڭ سابىق يۇگوسلاۋىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغىنىغا 13 يىل بولغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا سېربلىرىنىڭ سابىق رەھبىرى كارادىچ بۈگۈن كەچتە سېربىيىدە قولغا ئېلىندى، دېدى.

   كارادىچ 1945 – يىل 19 – ئىيۇن يۇگوسلاۋىيە مونتېنېگرو جۇمھۇرىيىتى نىكشىچ شەھىرىنىڭ پېتنىچ كەنتىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1971 – يىلى سارايېۋو ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن پسىخولوگىيە دوختۇرى بولغان.

   كارادىچ 1989 – يىلىدىن باشلاپ سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، سېربىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغان. بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا 1992 – يىلى مارتتا دۆلەتنى يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيىسىدىن ئايرىپ مۇستەقىل قىلىشنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويغاندا، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن خورۋاتلار مۇستەقىل بولۇشقا قوشۇلغان، سېربلار ئاۋاز بېرىشكە بايقۇت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى ئۈچ مىللەت ئارىسىدا پارتلىغان ئۇرۇش ئۈچ يېرىم يىل داۋاملاشقان. بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى سېربلار ‹‹بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا سېربىيە جۇمھۇرىيىتى›› قۇرغان، كارادىچ جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

   كارادىچنىڭ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى سېربلار ئارىسىدا ئىناۋىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ئۇ قوللىغۇچىلىرىنىڭ نەزەرىدە ‹‹سېربىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سىياسەتچى›› ۋە ‹‹قاتتىق قول شەخس››، ئەمما قارشى تۇرغۇچىلار ئۇنى ‹‹ئۇرۇش جىنايەتچىسى›› دەپ ئاتايدۇ. ب د ت نىڭ سابىق يۇگوسلاۋىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى 1995 – يىلى ئىيۇلدا كارادىچنى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى چىقىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ ئەيىبلىدى.

   يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقى، كرودىيە ۋە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ رەھبەرلىرى 1995 – يىلى 11 – ئايدا ئامېرىكىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋتوندا بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، شۇنىڭ بىلەن بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا ئۇرۇشى ئاياغلاشتى. گائاگا خەلقئارا سوتى 1996 – يىل 11 – ئىيۇل كارادىچنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى. كارادىچ شۇ يىلى 19 – ئىيۇل بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ۋە سېربىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن سىرتنىڭ بېسىمىدا ئىستېپا بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن كارادىچ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ سىياسىي سەھنىسى ۋە جامائەتچىلىكنىڭ نەزەرىدىن غايىب بولغانىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ