باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
روسىيىنىڭ يىراق شەرقتىكى قورال–ياراغ ئامبارلىرىدا ۋەقە ئەڭ كۆپ يۈز بەردى
2008- 07- 30 12:30 شىنجاڭ گېزىتى

   سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ش ئا ئە ت ۋە جۇڭگو بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ چېگرا رايونلاردا نەچچە مىڭ قورال – ياراغ ئامبىرى قۇرغان. بۇ قورال – ياراغ ئامبىرىنىڭ تۈرى تولۇق بولۇپ، يادرو قورالى ئامبىرىدىن تارتىپ، ئوق – دورا ئامبىرىغىچە ھەممىسى بار. سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق چوڭ قورال – ياراغ ئامبارلىرىدىن باشقا، يەنە ھەر قايسى ھەربىي رايون، فلوت، گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە، دېۋىزىيە، پولكلارنىڭمۇ قورال – ياراغ ئامبىرى بار ئىدى. شۇڭا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ زادى قانچە قورال – ياراغ ئامبىرى بارلىقىنى ئېھتىمال قوماندانلىرىمۇ ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.  خەۋەر قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنالا 2 مىليون توننىدىن كۆپرەك ئوق – دورا ساقلانغان 184 قورال – ياراغ ئامبىرىنى، قازاقىستان 30 مىڭ ئاپتومات بىلەن 2مىليون 500 مىڭ پاي ئوق ئۆتكۈزۈۋالغان. روسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر روسىيە ئارمىيىسىنىڭ جەمئىي 34 چوڭ قورال – ياراغ ئامبىرى بولۇپ، بەشتىن بىر قىسىمى يىراق شەرقتە ئىكەن. روسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى باش قوماندانىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قورال – ياراغ ئامبىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يىراق شەرق رايونىدا ئىكەن. شۇڭا، روسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ رايوننى ‹‹ئاسىيانىڭ پوروخ تۇڭى›› دەپ ئاتىغان.

   روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قورال – ياراغ ئامبارلىرىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆپ قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. 1994 – يىلى 5 – ئايدا تىنچ ئوكيان فلوتى ئاۋىئاتسىيە قىسىمىنىڭ ئوق – دورا ئامبىرىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، زەمبىرەك ئوقلىرى ئامبارنىڭ يېنىدىكى كەنتتىكى يەتتە ئۆينى ۋەيران قىلىۋەتكەن. 1998 – يىلى 4 – ئايدا يىراق شەرق ھەربىي رايونىنىڭ 5 – گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگو – روسىيە چېگرىسىغا يېقىن جايدىكى زەمبىرەك ئوقى ئامبىرىغا تاغقا كەتكەن ئوت تۇتىشىپ كېتىپ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ئەينى چاغدا 4000 دىن ئارتۇق كىشى ئامالسىزلىقتىن تارقاقلاشتۇرۇلغان. 2005 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى روسىيە تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ كامچاتكا يېرىم ئارىلىدىكى ئوق – دورا ئامبىرىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، روسىيە كامچاتكا يېرىم ئارىلىدىكى %60 ئوق – دورىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. 2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 23 – كۈنى روسىيە ھاۋا ئارمىيىسى مەلۇم قىسىمىنىڭ  سانكىت پېتىربورگتىكى قورال – ياراغ ئامبىرىغا ئوت كېتىپ، ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان 450 باشقۇرۇلىدىغان بومبا پارتلاپ كەتكەن، بىۋاسىتە زىيان 100 مىليون دوللارغا يەتكەن.

   روسىيىلىك مۇتەخەسسىس مۇنداق قارىدى: روسىيە ۋە م د ب گە ئەزا دۆلەتلەردىكى قورال – ياراغ ئامبارلىرىدا دائىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىشىگە ئاساسلىقى كەسپىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئوق – دورىنى ساقلاش شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشى، ساۋاقنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلالماسلىق سەۋەب بولغان. ئاشكارىلىنىشىچە، مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، ھازىر نۇرغۇن قورال – ياراغ ئامبىرىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە ئاپتوماتىك سىگنال بېرىش ئەسلىھەلىرى پەقەتلا ئۆلچەمگە يەتمەيدىكەن.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ