باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹سىرتقا قارىتا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىشنى باشقۇرۇش نىزامى›› ئېلان قىلىندى
2008- 07- 30 12:20 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     يېقىندا گوۋۇيۈەن ‹‹سىرتقا قارىتا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىشنى باشقۇرۇش نىزامى›› نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر نىزامدا، دۆلەتنىڭ سىرتقا قارىتا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىشقا مەدەت بېرىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقى، سىرتقا قارىتا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە خەۋپ–خەتەرگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزىمى ئورنىتىدىغانلىغى ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نىزامدا سىرتقا قارىتا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش سالاھىيەت تۈزۈمى بېكىتىلدى، بولۇپمۇ قۇرۇلۇش قىلىش تۈرىدىكى ئورۇنلارنىڭ قانۇن بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك ياكى بىرىنچىلىك دەرىجىلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىشى ئالاھىدە بېكىتىلدى. مەزكۇر نىزام 2008– يىلى 9–ئاينىڭ 1– كۈنى يولغا قويۇلىدۇ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ