|
. ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ياڭ جيېچى 28 – ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى رېس بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل، ساغلام ۋە مۇقىم راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
. ئامېرىكا ئاقسارىيىنىڭ ئايال باياناتچىسى پېررىنو 28 – ئىيۇل بۇش زۇڭتۇڭنىڭ كەلگۈسى ئىككى يىلدا پاكىستانغا 115 مىليون دوللار قىممىتىدە يېمەكلىك ياردەم قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
. ئىران زۇڭتۇڭى ئەخمەدى نىجاد 29 – ئىيۇل ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئەخمەدى نىجاد شۇ كۈنى 15 – قېتىملىق ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا: دۇنيادا زور ئۆزگىرىش بولماقتا، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە ئەزا دۆلەتلەر سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە خەۋپسىزلىك قاتارلىق جەھەتلەردە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، دېدى.
. موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 29 – ئىيۇل موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئىنكىبايېرنىڭ شۇ كۈنى ئاساسلىق پارتىيىلەرگە خەت ئەۋەتىپ، تېزدىن يېڭى پارلامېنت تەشكىللەشنى مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|