|
شىنخۇا تورى جەنۋە 29 – ئىيۇل ئولىمپىك مەخسۇس تېلېگراممىسى : خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 29 – ئىيۇل كەچتە ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ ، ئىراق ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م غا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگگې ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى تەرىپلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ‹‹بۇ كېلىشىم ئىراق تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق ››. بىز ئىراق تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئو ت م غا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
بۇ يىل 5 – ئايدا ، ئىراق ھۆكۈمىتى ئولىمپىك كومىتېتىدىكى خادىملار سانىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەسلدىكى ئىراق ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ھەمدە ۋاقىتلىق كومىتېت قۇرۇپ ، ئەسلىدىكى ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىغان . خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتى 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئىراق ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا سىياسىي جەھەتتىن ئارىلاشتى دەپ قاراپ ، ئىراق ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ۋاقىتلىق مۇسابىقە ئىشلىرىنى چەكلەشنى يولغا قويغان . 24 – ئىيۇل خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىراقنىڭ بېيجىڭ ئو ت م غا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان .
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتى ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن ، ئىراق بۇ يىل 11 – ئايدىن بۇرۇن ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يېڭىدىن دۆلەتلىك ئولىمپىك كومىتېتى قۇرىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، بېيجىڭ ئو ت م غا قاتنىشىدىغان ئىراقلىق تەنھەرىكەتچىلەرگە ئەسلىدىكى ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تىرېنېرلىرى يىتەكچىلىك قىلىدىكەن .
|