باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ھىندىستان ھۆكۈمىتى سىياسىي كرىزىستىن نېمە ئۈچۈن قۇتۇلالىدى؟
2008- 07- 29 12:31 شىنجاڭ گېزىتى

   ھىندىستان ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ ئىشەنچ ئاۋاز بېرىشىدە 275 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 256 ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى، ئون كىشىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى نەتىجىسىدە كۆپ ساندىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، سىنگ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە قانۇنلۇق ئورۇنغا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن ھىندىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدى ئېلىندى، سىنگ ھۆكۈمىتى 2004 – يىلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر سىياسىي كرىزىستا ئامان قالدى.

   بۇ قېتىمقى سىياسىي كرىزىسقا سىنگ زۇڭلىنىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى توغرىسىدىكى سۆزى سەۋەبچى بولدى. ئىيۇلنىڭ باشلىرى ياپونىيىدە سەككىز دۆلەت گۇرۇھى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىنگ زۇڭلى تۇيۇقسىز: ھىندىستان ھۆكۈمىتى پات ئارىدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى بىلەن يادرو كاپالىتى كېلىشىمى ئىمزالايدۇ، دېدى. ھىندىستاندىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن سولچىلار ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە قاتتىق قارشى چىقتى. ھۆكۈمەتنى ئاساسلىق قوللاپ كەلگەن سولچى پارتىيىلەر 8 – ئىيۇل ھۆكۈمەتنى قوللىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقتىن، ھۆكۈمەت پارلامېنتتىكى كوپ ساندىكى قوللىغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، پارلامېنتنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

   ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىشەنچ ئاۋاز بېرىشتە ‹‹ئۆتكەل››دىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلىشىدىكى سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، سىنگ ھۆكۈمىتى پۇختا تەييارلىق كۆرگەنلىكتىن تەمتىرەپ قالمىدى. ئىككىنچى، يادرو ئېنېرگىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھىندىستاننىڭ ئېنېرگىيە كرىزىسىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق، دېگەن قارىشىنى كۆپچىلىك قوللىدى. ئۈچىنچى، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى خېلى پۇختا. سىنگ ھۆكۈمىتى ھىندىستان ئىقتىسادى تېز ئېشىۋاتقاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. تۆت يىلدىن بۇيان، ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى%8 – %9 لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغدىكى ئىقتىسادنىڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغانلىقى بىلەن روشەن سېلىشتۇرۇلما بولدى. ئىقتىسادتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەم ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەم ھىندىستاننىڭ خەلقئارادىكى يېڭى گۈللەنگەن ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى يورۇتتى. سىنگ باشچىلىقىدىكى ئىچكى كابىنېتمۇ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

   بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: سىنىگ ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى سىياسىي كرىزىسنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپلا قالماي، ھىندىستان – ئامېرىكا يادرو ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدىكى ئىچكى توسالغۇنىمۇ تۈگەتتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ