|
جۇڭگو بىلەن روسىيە 21 – ئىيۇل بېيجىڭدا ئىككى دۆلەت چېگرىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكى توغرىسىدىكى تولۇقلىما بايان كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، جۇڭگو بىلەن روسىيىنىڭ 4300 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئايرىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان سۆھبەت ئاخىرى ئاياغلاشتى.
جۇڭگو بىلەن روسىيە شەرق تەرەپتىكى چېگرا توغرىسىدا 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان، بۇ مەسىلە 40 نەچچە يىلدىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەنىدى. جۇڭگو بىلەن روسىيە 2004 – يىلى ئۆكتەبىردە ‹‹جۇڭگو بىلەن روسىيىنىڭ ئىككى دۆلەت چېگرىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكى توغرىسىدىكى تولۇقلىما كېلىشىم››نى ئىمزالاپ، 2005 – يىلى ئىيۇن چېگرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىغانىدى. 2007 – يىلى ئاپرېلدا خېيشيازى ئارىلىدا تۇرۇشلۇق روسىيە قوشۇنى بەزى ئەسلىھەلىرىنى چۇۋۇشقا باشلىدى، شۇ يىلى سېنتەبىردە روسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ خېيشيازى ئارىلىدىكى چېگرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاساسەن تاماملاندى، نويابىردا چېگرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، جۇڭگو خېيشيازى ئارىلىدا چېگرا تېشىنى تۇرغۇزدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسى رەسمىي مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
روسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونى چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، گېنېرال ۋالېلى پۇتوۋ بۇ يىل 4 – ئىيۇل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامۇر دەرياسى(خېيلۇڭجياڭ دەرياسى)دىكى يىنلۇڭ ئارىلى(روسىيە تالابالاۋ ئارىلى دەپ ئاتايدۇ) ۋە يېرىم خېيشيازى ئارىلى(روسىيە چوڭ ئۇسسۇرى ئارىلى دەپ ئاتايدۇ)دىكى چېگرا تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى، بۇ يىل ئاۋغۇستتا جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
ئەمما روسىيە ‹‹ھەقىقەت›› گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاۋغۇستتا ئو ت م بېيجىڭدا باشلىنىدۇ، يىنلۇڭ ئارىلى بىلەن يېرىم خېيشيازى ئارىلىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چوڭ ئىشى، ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى ئاۋغۇستتا ئەمەس، بەلكىم سېنتەبىردە باشلىنىشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلدى.
‹‹يەرشارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|