|
. جۇڭگو ۋە روسىيىلىك 600 ئۆسمۈر 27 – ئىيۇل كەچتە ۋىلادىۋوستوكتىكى ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› ئۆسمۈرلەر مەركىزىدىكى دېڭىز ساھىلىدا گۈلخان كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.
. جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ 27 – ئىيۇل دەلىللىشىچە، جۇڭگو مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بىر شىركەتنىڭ ئىيۇننىڭ ئاخىرلىرى ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋارداك ئۆلكىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان جۇڭگولۇق ئىشچىسى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىخەتەر قويۇپ بېرىلگەن.
. پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى(خاماس) 28 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباسنىڭ قول ئاستىدىكى خەۋپسىزلىك قىسىمىنىڭ شۇ كۈنى خاماسنىڭ 54 ئەزاسىنى قولغا ئالغانلىقىنى دەلىللىدى.
. چاۋشيەن ‹‹ئەمگەك خەۋەرلىرى›› گېزىتى 28 – ئىيۇل ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ‹‹چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى››نى تىنچلىق كېلىشىمىگە ئۆزگەرتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا يېڭى ئۇرۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېرىم ئارالنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى قوغدىشى كېرەك، دېدى.
. ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇتتاكى 27 – ئىيۇل ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە ئەزا دۆلەتلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئىراننىڭ 2009 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ۋاقىتلىق ئەزا بولۇشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|