|
ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى گەپلەر كۆپىيىۋاتقاندا، ئامېرىكا ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان يادرو سۆھبىتىگە پەۋقۇلئاددە ئەلچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 17 – ئىيۇل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەنە ئاقساراينىڭ ئىران پايتەختى تېھراندا دىپلوماتىيە ئورگىنى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى پات ئارىدا جاكارلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بەزى خەۋەرلەردە: ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىتىدە چوڭ بۇرۇلۇش بولۇۋاتىدۇ، دېيىلدى.
ئەنگلىيە ‹‹مۇھاپىزەتچى›› گېزىتىنىڭ 17 – ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېيىنكى ئايدا تېھراندا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەت ۋاكالەت ئورنى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى جاكارلايدىكەن. بۇ، ئامېرىكا بىلەن ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ تېھرانغا تۇنجى قېتىم دىپلوماتىيە خادىمى ئەۋەتىشى. بۇ مەنپەئەت ۋاكالەت ئورنى شۋېتسارىيىنىڭ ئىراندىكى ئەلچىخانىسىدا تەسىس قىلىنىدىكەن، بىراق خىزمەتچىلىرى ئاساسەن ئامېرىكىلىق بولۇپ، شۋېتسارىيىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمايدىكەن. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى مەنپەئەت ۋاكالەت ئورنى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|