باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
روسىيىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىسىدىكى يېڭى تەسەۋۋۇرى
2008- 07- 29 11:43 شىنجاڭ گېزىتى

   روسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ تور پونكىتى 15 – ئىيۇل مېدىۋېدېۋ زۇڭتۇڭ تەستىقلىغان روسىيىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلدى. بۇ تەسەۋۋۇردا روسىيە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى، پرىنسىپى ۋە ئاساسىي يۆنىلىشى تەپسىلىي شەرھلەندى.

   تەسەۋۋۇردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: روسىيە ئاشكارا، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ۋە ئەمەلىي دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ، ئاساسلىق مەقسىتى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش، روسىيىنىڭ خەلقئارا ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش، روسىيىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئۈچۈن پايدىلىق تاشقى شارائىت يارىتىش، ئادىل ۋە دېموكراتىك دۇنيا مۇساپىسى ئورنىتىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا خەلقئارا مەسىلىلەرنى كوللېكتىپ ھەل قىلىش، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، جىددىي ۋەزىيەت ۋە توقۇنۇشنى تۈگىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
تەسەۋۋۇردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىش ئىستراتېگىيىسى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جىددىي ۋەزىيەت ۋە ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى پەيدا قىلىپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىپ، مىللىي ۋە دىنىي ماجىرا پەيدا قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالىدۇ. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى چەتكە قايرىپ قويۇپ، قورال كۈچى ئىشلىتىش خەلقئارا قانۇن ئاساسىنى بۇزۇپ، توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېتىدۇ.

   تەسەۋۋۇردا م د ب (مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى)دىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت توغرىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: روسىيە داۋاملىق خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا، ھاسىل قىلغان كېلىشىملەرگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، م د ب رايونىدىكى توقۇنۇشلارنى تىنچ ھەل قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ، م د ب گە ئەزا ھەر بىر دۆلەت بىلەن باراۋەر، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە بىر – بىرىنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىشىش ئاساسىدا دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.

   تەسەۋۋۇردا روسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: روسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا يوشۇرۇن كۈچ زور، بۇ دۇنياۋى ئىستراتېگىيىلىك مۇقىملىق ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئاچقۇچلۇق تەسىر كۆرسىتىدۇ، روسىيە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشى ھەم ھازىرقى ھەمكارلىشىش مېخانىزمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەك. روسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ھالىتىگە ئۆتۈشى، ئىلگىرىكى ئىستراتېگىيىلىك پرىنسىپ جەھەتتىكى توسالغۇدىن ھالقىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بىلەن ئىختىلاپنى تۈگىتىشى كېرەك. روسىيە ئامېرىكا بىلەن ئەسكەر قىسقارتىش ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى تىزگىنلەش جەھەتتە يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ھەم بۇ مۇساپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش، يادرو قورالى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىشىنىش ۋە ئاشكارا بولۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

   تەسەۋۋۇردا ياۋروپاغا قارىتىلغان سىياسەت توغرىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: روسىيە ياۋروپاغا قارىتىلغان سىياسەتتە ئاشكارا ۋە دېموكراتىك بولغان رايونلۇق كوللېكتىپ خەۋپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىق سىستېمىسى ئورنىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ. روسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن باراۋەر ئاساستا ھەمكارلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، ياۋروپانى چېگرا سىزىقىدىن خالىي ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
تەسەۋۋۇردا ش ئا ئە ت بىلەن بولغان مۇناسىۋەت توغرىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: روسىيە ش ئا ئە ت نى شەرققە كېڭەيتىش پىلانى ۋە ئۇنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ روسىيە چېگرىسىغا يېقىنلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ ھەم بۇ قىلمىشلار باراۋەر خەۋپسىزلىك پرىنسىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ياۋروپادا يېڭى چېگرا پەيدا قىلىپ، ھازىرقى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش چارىسى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە توسقۇن بولدى، دەپ قارايدۇ. روسىيە ش ئا ئە ت نىڭ روسىيە بىلەن باراۋەر ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتماقچى بولۇۋاتقان ئەھۋالغا ئاساسەن، بۇ تەشكىلات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   تەسەۋۋۇردا ئاسىياغا قارىتىلغان سىياسەت توغرىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: روسىيە جۇڭگو ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاسىياغا قارىتىلغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىدۇ، خەلقئارا ھالقىلىق مەسىلىلەرگە تۇتقان پرىنسىپال پوزىتسىيە بىردەك بولغان ئاساستا، روسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرساھەدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ ھەم بۇ مۇناسىۋەتنى رايون ھەتتا دۇنيا مۇقىملىقىنىڭ ئاساسىي تەركىبىي قىسمى قىلىدۇ.             

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ