|
ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ئوباما 21 – ئىيۇل باغدادقا بېرىپ، ئىراقتىن ئىبارەت ئامېرىكا ئەڭ كۆپ ئەسكەر تۇرغۇزغان ‹‹جەڭ مەيدانى›› بىلەن ‹‹يېقىندىن ئۇچراشتى››. ئىراق مەسىلىسى ئامېرىكا ئومۇمىي سايلىمىدا تالاش – تارتىش ئەڭ كۆپ بولغان تېمىلارنىڭ بىرى بولغانلىقتىن، رەقىبلىرى ئوبامانى ‹‹دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار تەجرىبىسى كەمچىل›› دەپ تەنقىد قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەرقايسى تەرەپنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ، ئوبامانىڭ ئىراقتا 2 – قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ئىكەن، ئالدىنقى قېتىم 2006 – يىلى 1 – ئايدا زىيارەتتە بولغان ئىكەن. ئوباما بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىراققا ئاران بىر قېتىم بارغانلىقتىن، ماك كاين لاگېرىدىكىلەرنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە تەجرىبىسى كەمچىل، دەپ تەنقىدلىشىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى. ئوباما زۇڭتۇڭ سايلىمى باشلىنىشقا ئاز قالغان پەيتتە، ئىراق ھەم ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپادىكى باشقا نۇرغۇن دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، ماك كايننىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، سايلىغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە ئىقتىدارىغا بولغان ئەندىشىسىنى تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلدى. ئالدىنقى قېتىمقى زىيارەتكە سېلىشتۇرغاندا، ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئىراق زىيارىتى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. ئوباما ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئالىي قوماندانى پېترائۇس بىلەن كۆرۈشۈپلا قالماي، يەنە ئىراق زۇڭلىسى مالىك بىلەن كۆرۈشتى. ئىراق مەسىلىسىدە ئوباما ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ھەربىي بايلىقنى ئىراقتىن ئافغانىستانغا يۆتكەشنى قوللايدۇ. بۇ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلغان مەيدانى بىلەن بىردەك.
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى يېتەرلىك خەۋەر قىلدى. بىرقانچە تېلېۋىزىيە، رادىئو شىركىتىنىڭ ئاساسلىق دىكتورلىرى ئوتتۇرا شەرققە بېرىپ، بارلىق جەرياننى داغدۇغىلىق ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلدى. بۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ماك كايننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى زىيارىتى بىلەن روشەن سېلۇشتۇرما بولدى. ماك كاين بۇ يىل 3 – ئايدا ئىراقتا زىيارەتتە بولغاندا، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاددىيلا خەۋەر قىلغانىدى. ماك كاين لاگېرىدىكىلەر بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولدى، ئۇلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئوباماغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ماك كاين بىلەن كارى بولمىدى، دەپ ئەيىبلىدى.
|