باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار
2008- 07- 28 12:42 تەڭرىتاغ تورى

  ● ئۆتكەن ھەپتە شاڭخەي ، شېنجىن پاي بازارلىرىنىڭ بازار قىممىتى 6 تىرىلىيون 474 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن%4.88 ئاشتى .

  ● دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى ھىسابلىشىغا ئاساسلانغاندا ، 1–ئايدىن 5–ئايغىچە ، مەملىكەت بويىچە ئېنىرگىيە ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن تۆۋەن بولغان . بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئېنىرگىيە مىقدارى ئازايغان . ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا ، كۆپ قىسىم رايونلاردا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنىرگىيە سەرپىيات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاز بولغان .

   ● قۇرۇلۇش بانكىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، قۇرۇلۇش بانكىسى مۇشۇ ئاينىڭ 25–كۈنىدىن باشلاپ ئىككى خىل زايوم تىپىدىكى مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنى بازارغا سالغان ، بۇ مەھسۇلات مۇشۇ ئاينىڭ 31–كۈنىگىچە بازارغا سېلىنىدىكەن . بۇنىڭ بىرى زايوم تىپىدىكى 2008–يىللىق 17–قارارلىق مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى بولۇپ ، سېتىلىش مىقدارى 3 مىليارد يۈەن ، مەبلەغ سېلىش مۇددىتى 28 كۈن ، مۆلچەردىكى يىللىق پايدا نىسبىتى %2.75  ؛ يەنە بىرى زايوم تىپىدىكى 2008–يىللىق 26–قارارلىق مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى بولۇپ ، سېتىلىش مىقدارى 3 مىليارد يۈەن ، مەبلەغ سېلىش مۇددىتى 91 كۈن ، مۆلچەردىكى يىللىق پايدا نىسبىتى %3.35 ئىكەن .

   ● شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى باھاسىنى سىستىمىلىق تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ، مۇشۇ ئاينىڭ 25–كۈنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، 26–ئىيۇل ، بېيجىڭ ، لياۋنىڭ ، شەندۇڭ ، خېبېي قاتارلىق جايلاردا تۇخۇم باھاسى ئۆرلىگەن ، سىچۈەن ۋە لياۋنىڭنىڭ قىسمەن شەھەرلىرىدە كۆكتات باھاسىدا ئۆزگۈرۈش بىر قەدەر زور بولغان . مەملىكەت بويىچە تەييار ئاشلىق ، سۇيېغى ، سۇ مەھسۇلاتلىرى ، گۆش ، مېۋە–چېۋە ، سۈت قاتارلىقلارنىڭ باھاسى مۇقىم بولغان .

  ● مەبلەغ سالغۇچىلار دۇنيانىڭ نېفىت ئېھتىياج مىقدارى تۆۋەنلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراش تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشەلمىدى دەپ قارىغانلىقتىن ، مۇشۇ ئاينىڭ 25–كۈنى ، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا ئۆلچەملىك خام نېفىتنىڭ زاكاز باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ ، ھەر تۇڭ ئۆلچەملىك خام نېفىتنىڭ باھاسى ئارىلىقتا بىر مەھەل 122.5 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ ، يەتتە ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشتى .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ