باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئالدىنقى يېرىم يىلدا ، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت قىلىنغان مال مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.9 ئاشتى
2008- 07- 28 12:20 تەڭرىتاغ تورى

      بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىنىڭ تۆمۈر يول ۋە تاشيول ئارقىلىق مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىدا ‹‹ئىمپورت مىقدارى ئازىيىپ ، ئېكسپورت مىقدارى ئېشىش›› ۋە ‹‹يولۇچى ئۆتۈش ۋە مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى تەڭ ئېشىش›› تەك ئالاھىدىلىك شەكىللەندى . ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت قىلىنغان ئومۇمىي مال مىقدارى سىجىل ئاشتى .     

      بۇ يىل 1–ئايدىن 6–ئايغىچە ، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت قىلىنغان مال مىقدارى 8 مىليون 973 مىڭ توننىغا يېتىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.9 ئاشتى . تۆمۈر يول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان ماللار ئاساسلىقى رەڭلىك مېتال كان رودىسى ۋە پولات ماتېرىياللىرىدىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، رەڭلىك مېتال كان رودىسىنىڭ ئىمپورت مىقدارى ئومۇمىي ئىمپورت مىقدارىنىڭ %54.1ىنى ئىگىلىدى . ئېكىسپورت قىلىنغان ماللار ئاساسلىقى كونتىينېر ، بىناكارلىق ماتىرىياللىرىدىن ئىبارەت بولدى . تاشيول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان ماللار ئىچىدە مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى گۈڭگۈرتتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئومۇمىي ئىمپورت مىقدارىنىڭ %66.5ىنى ئىگىلىدى . ئېكسپورت قىلىنغان ماللار ئىچىدە مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى يەنىلا تۇرمۇش بويۇملىرىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %70ىنى ئىگىلىدى .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ