|
يېقىندا قورغاس ناھىيىسىگە زىيارەتكە بېرىپ، يېزا - بازارلاردىكى دېھقانلار بىلەن زاكاز تېرىقچىلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقتىم. دېھقانلارنىڭ دېيىشىچە، زاكاز تېرىقچىلىقنىڭ يولغا قويۇلۇشى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى تېزلىتىپتۇ، بولۇپمۇ بۇ يىل زاكاز قىلىنغان يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئىلگىرىكىدىن يۇقىرى بوپتۇ.
قورغاس ناھىيىسىنىڭ سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى تېزلىتىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلايدىغان كارخانىلار بۇ ناھىيىگە كۆپلەپ ماكانلاشقان. ئۇلار دېھقانلار بىلەن زاكاز تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەھەتتە توختاملىشىپ، ئالاھىدە يىزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن. بۇ يىل بىر قىسىم باشلامچى كارخانىلار زاكاز قىلىپ تېرىتقان قىزىلچا، پاختا، ئۇرۇقلۇق قوناق، كۆكتات، ياغلىق دان قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمى 400 مىڭ مودىن ئاشقان.
15 مو يەرگە تېرىغان قىزىلچىسىنىڭ ياخشى ئۆسۈۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنگەن لەڭگەر يېزىسىنىڭ روشەنباغ كەنتىدىكى دېھقان مەمەتجان: زاكاز تېرىقچىلىق ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، بۇلتۇر بىر كىلوگرام قىزىلچىنىڭ باھاسى 25.0 يۈەن بولغانىدى، بۇ يىل ئوغۇتنىڭ باھاسى ئۆسۈپ، تېرىقچىلىق تەننەرخى ئۆرلەپ كەتكەچكە، كارخانىلارمۇ باھانى ئۆستۈرۈپ، بىز بىلەن ھەر كىلوگرام قىزىلچىنى 33.0 يۈەندىن سېتىۋېلىشقا توختام تۈزدى. ئەگەر باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلمىسىلا، بۇ يىل قىزىلچىدىن ئوبدانلا كىرىم قىلالايمەن، دېدى. سەنگۇڭ خۇيزۇ يېزىسى تۆۋەن سەنگۇڭ كەنتىدىكى دېھقان ياڭ ئىرلىمۇ زاكاز تېرىقچىلىقنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن دېھقانلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇلتۇر ناھىيىدىكى كۆكتاتچىلىق شىركەتلىرى بىلەن توختاملىشىپ، ئېڭىز ئورنىغا تۇرۇپ تېرىپ، شىركەتكە سېتىپ بېرىپ 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغانىدى. بۇ يىل تۇرۇپنىڭ زاكاز باھاسىنىڭ بۇلتۇرقىدىن 1.0 يۈەن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ياڭ ئىرلى ئېڭىز ئورنىغا يەنە تۇرۇپ تېرىپتۇ. تۆۋەن سەنگۇڭ كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ماگاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ناھىيىمىزدە »كارخانا + بازا + دېھقان«دىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى شەكىللەنگەچكە، دېھقانلار زاكاز تېرىقچىلىقنىڭ پايدىسىنى كۆردى. زاكاز تېرىقچىلىقنىڭ خېيىمخەتىرى ئاز، كىرىمى مۇقىم بولغاچقا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇپ قالدى.
|